باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىلىم–پەن كۆرىكى، ئىستىقبال تەسەۋۋۇرى
2008- 07- 31 10:15 شىنجاڭ گېزىتى

   23 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى گۈزەل چېگرا شەھىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ، بىر قېتىملىق ئىلىم – پەن كۆرىكى، ئىستىقبال  تەسەۋۋۇرى بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان مۇسابىقىدە مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن 543 مۇنەۋۋەر ياش – ئۆسمۈر پەن – تېخنىكا پائالىيىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇتۇقلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ ۋە ئالماشتۇرىدۇ. مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!  

   مەملىكەتلىك ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى 20 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا  –  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكا پائالىيىتىگە ئايلاندى. ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەردىن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 10 مىليون ياش – ئۆسمۈر  ئوخشاشمىغان قاتلاملاردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇسابىقە كۆلىمى تەدرىجىي زورىيىپ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئاشتى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ھازىر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرلەرنى تاللاشتا ئىلغار پەن – تېخنىكا نىشان قىلىنىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى كۈچىيىپلا قالماي، يەنە مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيسىىمۇ ئۆستى.

    ياشلار – ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ۋە مەڭگۈلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت كۈچى رىقابىتى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاساسىي ئىلىم – پەن ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى رىقابىتى. شۇڭا، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن – تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ياشلار – ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرامىغا يېتىدىغان پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ئىلىم – پەن ساپاسىنى ھازىرلىشىنىڭ ئاچقۇچى.

   قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىجتىمائىي سىستېما قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلىم – پەننى سۆيۈش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەشكە يېتەكلەش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى.

   مەملىكەتلىك ياشلار – ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجادكارلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن ھازىرلانغان مۇھىم سەھنە. پۈتۈن جەمئىيەت پائال ھەرىكەتلىنىپ، پەن – تېخنىكا، مائارىپ بايلىقى، مۇئەسسەسىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كۆپ خىل يول ۋە شەكىل ئارقىلىق بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى قوغداپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، سوئال سوراشقا، كاللىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق تەبىئىتىنى ساقلاپ، ئىلىم – پەن ساپاسى ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   ئۆسمۈرلەر كۈچى كۈچلۈك بولسا جۇڭگومۇ قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مەيدانغا كېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەرۋاز قىلىشىغا بىر جۈپ قانات ئاتا قىلغۇسى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ