|
مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا ۋە بېيجىڭ ئو ت م گە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا
جۇڭگو تەنھەرىكەت تارىخىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنگە، ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەنگە قەدەر 59 يىللىق بوران – چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۇلۇغ داستان يېزىپ چىقتى؛ جۇڭگو دۇنياغا، ئو ت م گە يۈزلىنىپ، 59 يىل تىرىشىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئو ت م نىڭ كاتتا مەرىكىسى باشلىنىش، 100 يىللىق ئارزۇ روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. تارىخنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق: جۇمھۇرىيىتىمىز تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يولى ھەم جاپالىق ھەم پارلاق بولدى، ئۇنىڭغا مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ خالىس قان – تەرى ۋە چەكسىز غەمخورلۇقى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش يولىدا ئىخلاس بىلەن ئىزدىنىشى مۇجەسسەملەندى.
خەلق بۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!
جۇڭگو خەلقى ھەم نامرات، ھەم قالاق ھالەتتە ئىش باشلىغاندىن تارتىپ ‹‹شەرقىي ئاسىيا كېسەلمەنلىرى›› دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغىچە بولغان جەرياندىكى ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىق سۈپىتى تېز ئېشىپ، دۆلىتىمىز خەلقئارادا تەنھەرىكەت چوڭ دۆلىتى، دەپ ئېتىراپ قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرجۇڭگو خەلقىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە كۈچىدىن كەلدى: تەنھەرىكەت ئىشلىرى باشتىن – ئاخىر خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشقا ئايلاندى... خەلق بۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!
1917 – يىلى تەخەللۇسى ‹‹28 رەسسام›› دېگەن بىر ياش ‹‹يېڭى ياشلار›› ژۇرنىلىدا ‹‹تەنھەرىكەت توغرىسىدا تەتقىقات›› دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئۆزگىچە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
بۇ ياش دەل ماۋ زېدۇڭ ئىدى.
بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇ ئۇلۇغ رەھبەر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاممىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغانىدى.
1952 – يىلى 10 – ئىيۇن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا يولداش ماۋ زېدۇڭ: ‹‹تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرەيلى!›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنىدى.
ماۋزېدۇڭنىڭ بېغىشلىمىسى يېڭى جۇڭگونىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. دەل مۇشۇ ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى جۇڭگونىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرى ئاساس سېلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى:
ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتە تەنتەربىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەنتەربىيە مەيدانلىرى بەس – بەستە سېلىندى، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەت ئەترەتلىرى تەشكىللەندى، تەنتەربىيە مەكتەپلىرى كەينى – كەينىدىن قۇرۇلدى .... بۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگونىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭىچە تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلىندى.
تۇنجى رادىئو گىمناستىكىسى، دەرس ۋە ئىش ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا مەيدانغا كېلىپ، ئەمگەك ھەم دۆلەتنى قوغداش تەنتەربىيە تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلدى...ئاممىۋى تەنھەرىكەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تەنھەرىكەت ھەرىكىتى، مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ئىشچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.... تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى خەلقنىڭ بايرىمىغا ئايلاندى.
1956 – يىلى چېن جىڭكەي دۇنيا رېكورتى دەپتىرىگە تۇنجى قېتىم جۇڭگولۇقنىڭ ئىسمىنى يازدى؛ 1959 – يىلى روڭ گوتۈەن جۇڭگو ئۈچۈن تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى... جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان تەنھەرىكەت ئىشلىرى دۇنيا ئالدىدا نامايان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى ھەم ئاممىنىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دېڭ شياۋپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەنھەرىكەت سەھنىسىگە كىرىش قەدىمى تېزلىتىلدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1970 – يىلى 25 – ئۆكتەبىر ‹‹ناگويا قارارى››نى ماقۇللاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تەنھەرىكىتى دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى تۇنجى ھالقىلىق قەدەمنى باستى.
‹‹بىز پۇتبولنى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقىنى يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك››. دېڭ شياۋپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئېيتقان بۇ دانا سۆزى تەنھەرىكەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىنىڭ يەنىمۇ پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ‹‹سەۋىيىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرەيلى!›› دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1983 – يىلى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يېزىپ بەرگەن بۇ بېغىشلىمىسى سانسىز تەنھەرىكەتچىنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىشقا رىغبەتلەندۈردى. 1984 – يىلى شۈ خەيفېڭ لوس – ئانژېلىس ئو ت م نىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانىدا ئاتقان ئوقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئو ت م دا ئالتۇن مېدال ئالالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو دۇنيا تەنھەرىكەت سەھنىسىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا، 1995 – يىلى ئۇلۇغ تەنتەربىيە قۇرۇلۇشى باشلاندى، يەنى ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلان تېزىسى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. بۇ پىلاندا 15 يىلدا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى.
جياڭ زېمىن 1997 – يىلى 16 – ئاۋغۇست ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا: ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ۋە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھازىرقىلار ئاساس سالسا، كېيىنكىلەر نەتىجىسىنى كۆرىدىغان خىزمەت››، دەپ بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ئەسىر ھالقىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىدىغان بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى مۇپەسسەل، ئەتراپلىق، چوڭقۇر شەرھلىدى.
ئەسىر ئالماشقان 2000 – يىلىدىكى 27 – نۆۋەتلىك سىدنېي ئو ت م دا جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق بېغىشلىدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا جۇڭگو كوماندىسى ئالتۇن مېدال ۋە ئومۇمىي مېدال سانى بويىچە 3 – ئورۇندا تۇردى. ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە جۇڭگو تەنھەرىكىتىمۇ يېڭى ئەسىرنى كۈتۈۋالدى.
2002 – يىلى مەملىكىتىمىزدىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا داۋاملىق قاتنىشىپ، تەنتەربىيىگە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ% 34 ىنى ئىگىلىدى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1949 – يىلىدىكى 35 ياشتىن 71.8 ياشقا ئۇزاردى؛ ماھارەت تەنھەرىكەت نەتىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 1000 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى، 1000 قېتىمدىن ئارتۇق دۇنيا چېمپىيونلۇقى قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە مۆجىزە يارىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ پارتىيىنىڭ بارلىق كۈرىشى ۋە خىزمىتى خەلق ئۈچۈن. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتىدىن تەنتەربىيىدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاندى
پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بىلەن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى. خۇ جىنتاۋ 2005 – يىلى 12 – ئۆكتەبىر سائەت 20 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ياڭراق ئاۋاز بىلەن: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىغانىدى. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاۋامنىڭ بايرام ئېڭى يېتەكچىلىكىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىردى.
خۇ جىنتاۋ مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى شۇنداقلا ھازىرقىلار ئاساس سالسا، كېيىنكىلەر نەتىجىسىنى كۆرىدىغان ئىش. خۇ جىنتاۋ تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2007 – يىلى 23 – ئاپرېل خۇ جىنتاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش مۇھىم مەزمۇن قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى.
7 – ماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر تارقاتتى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى ‹‹مەملىكەت بويىچە 100 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت پائالىيىتى›› يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنىگە بىر سائەت چېنىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئۆزگىچە كەسىپ بولغان مېيىپلەر تەنھەرىكەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە مېيىپلەر كوللېكتىپىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرغۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
2007 – يىللىق دۇنيا يازلىق ئالاھىدە ئو ت م شاڭخەي تەنھەرىكەت مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. خۇ جىنتاۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەنتەربىيە ھەرىكىتى خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقىلا ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمىغان.جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، تاغلىق رايونلاردىن ئېدىرلىقلارغىچە، سۇ يۇرتىدىن ئوتلاقلارغىچە بۈگۈنكىدەك جانلانغان ئەمەس.
دۆلەت كۈچىنىڭ تېز ئېشىشى بىلەن ماھارەت تەنھەرىكىتى سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستى. 2004 – يىلىدىكى 28 – نۆۋەتلىك ئافىنا ئو ت م دا جۇڭگو ماھىرلىرى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچلۈكلەر ئالدىدا باش ئەگمەي جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە 2 – لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتىلىك ئورنىدىن تەنتەربىيىدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىدى.
2007 – يىلى 16 – ئۆكتەبىر پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، خۇ جىنتاۋ ئادەتتىكى ۋەكىل سۈپىتىدە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. كۆپچىلىك ئەمدىلا ئولتۇرۇشى بىلەن ئو ت م نىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونى چېن يەنچىڭ ج ك پ مەملىكەتلىك 17 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە پوچتا ماركىسى چاپلانغان كونۋېرتنى ئېلىپ باش شۇجىنىڭ يېنىغا باردى، خۇ جىنتاۋ مۇلايىملىق بىلەن كونۋېرتقا ‹‹سىزگە مەدەت بېرىمەن››، دەپ يېزىپ بەردى. چېن يەنچىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ ئو ت م ماھىرلىرىغا بولغان غەمخورلۇق بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغىمۇ چوڭ ئىلھام، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تەنتەربىيە ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.››
خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ ئىككى قېتىملىق ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ يەتتە يىللىق تەييارلىققىچە قانداق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئارزۇغا ئىزچىل ئىنتىلىپ، دۇنياغا بەرگەن دەبدەبىلىك ۋەدىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م پات ئارىدا ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئالدىدا نامايان بولىدۇ
1990 – يىلى 3 – ئىيۇل، 80 ياشتىن ئاشقان دېڭ شياۋپىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ياسالغان دۆلەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىنى ئىشتىياق بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا، دېڭ شياۋپىڭ تېخىمۇ يىراقنى ئويلاپ سەمىمىيلىك بىلەن: ‹‹جۇڭگونىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈش ئىرادىسى بارمۇ – يوق؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟ مۇشۇنداق ياخشى تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرىنى ياساپ تۇرۇپمۇ ئو ت م ئۆتكۈزمىسە، خىراجەتنىڭ يېرىمىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىك بولمامدۇ؟ ›› دېگەنىدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، كىشىلەر بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆرۈش سۇپىسىغا ‹‹ئو ت م ئۆتكۈزەيلى! ئو ت م غا تەلپۈنىمىز!›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتلارنى ئېسىشتى، بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى مۈشۈكئېيىق ‹‹پەن پەن››دىمۇ كىشىلەرنىڭ ‹‹ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئو ت م غا تەلپۈنۈش›› تەك گۈزەل ئارزۇسى نامايان قىلىندى.
دېڭ شياۋپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى جۇڭگونىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 1993 – يىلى، بېيجىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىشتا تاللىنالمىدى، ئازابلىق چېھرىلەردە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆكۈنۈشى ئەكس ئېتەتتى. دېڭ شياۋپىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ‹‹ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش كېرەك›› دېگەنىدى.
گوۋۇيۈەن زۇڭلىلار ئىش بېجىرىش يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1998 – يىلى 11 – ئايدا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيىنىڭ 3 – ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى بېيجىڭنىڭ 2008 – يىللىق ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قارار قىلدى. جۇڭگو يەنە بىر قېتىم ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى.
بۇ قېتىم ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا جۇڭگو چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كېرەك ئىدى.
جياڭ زېمىن بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ۋە قوللىدى. ئۇ 2000 – يىلى 9 – سېنتەبىر سامارانچقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنى تامامەن قوللايمىز. ئەگەر ئۇزاق مەدەنىيەتكە ئىگە ھەم تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بېيجىڭدا 2008 – يىللىق ئو ت م ئۆتكۈزۈلسە، ئولىمپىك ھەرىكىتىگە نىسبەتەنمۇ، جۇڭگوغا شۇنداقلا دۇنياغا نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى››.
2001 – يىلى 13 – ئىيۇلدىكى ئاشۇ دەقىقىدە بارلىق جۇڭگولۇقنىڭ يۈرەك رىتىمى تېزلەشتى، سامارانچ بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى، جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا ئىشەنچ بىلەن تاشلانغان بېلەتتە جۇڭگو دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى.
بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندا، جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرىگە توپلانغان ھەر ساھە ئاممىسى گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى. 400 مىڭ بېيجىڭ ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئالقىشلىدى. سائەت 22دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، جياڭ زېمىن قاتارلىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى بارلىق ئەزالىرى جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇقەددەس ئوت پەشتىقى ئالدىغا كېلىپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ستۇدېنتلار، تەنھەرىكەتچىلەر، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى.
جياڭ زېمىن قاتارلىقلار شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، مەيدانغا توپلانغان 400 مىڭدىن ئارتۇق ھەر ساھە ئاممىسىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى تاماشا قىلدى. بۇ گۈزەل كېچە 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىنى ئۇزاققىچە لەرزىگە سالدى.
پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تەييارلىق خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.
خۇ جىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كەينى – كەينىدىن مۇھىم يىغىنلار ئېچىلىپ، ئىشلار مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلار كەينى – كەينىدىن نەق مەيدانغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى...
2006 – يىلى ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدىكى ئو ت م مەيدان قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇشچىلار بىلەن دۆلەت بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى. ئۇ ئو ت م قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق تەكىتلىدى: بىر نۆۋەتلىك ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، يېشىل ئولىمپىك، پەن – تېخنىكا ئولىمپىكى، خەلقچىل ئولىمپىك ئىدىيىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئو ت م نى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش، پاك ئۆتكۈزۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئو ت م غا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.
2007 – يىلى ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ يىلغا قەدەم قويدى. خۇ جىنتاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 23 – مارت ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، شۇ يىلى ئو ت م مەيدانلىرى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى، مۇسابىقە تەشكىللەش، چوڭ مۇراسىم، بىخەتەرلىكنى قوغداش، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاساسىي تەييارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولۇش، تەييارلىق خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئو ت م ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرلەرنىڭ ھەرىكەت، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، كاپالەت، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئاساسەن قۇرۇپ بولۇش تەلەپ قىلىندى.
2008 – يىلى 31 – مارت چۈشتىن بۇرۇن، ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتى بېيجىڭغا كەلتۈرۈلدى. خۇ جىنتاۋ مۇقەددەس ئوت چوغدىنىغا ئۆز قولى بىلەن ئوت تۇتاشتۇردى ھەم 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ كاتتا مۇقەددىمىسى بولۇپ، تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى.
5 – ئاپرېل پايتەختنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش كۈنى. خۇ جىنتاۋ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ئولىمپىك باغچىسىغا كېلىپ كۆچەت تىكتى. ئۇ كۆپچىلىكنى ‹‹يېشىل ئولىمپىك›› ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەر قايسى ئەل تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ كېلىشىنى ياخشى مۇھىت بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
كىشىلەر كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ۋېنچۇەندە ‹‹12 – ماي›› كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. ھەر قايسى ئەللىك دوستلار ئىختىيارسىز: بېيجىڭ ئو ت م ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلەرمۇ؟ جۇڭگو خاس، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالارمۇ؟ دېگەندەك ئەندىشىلەردە بولدى.
‹‹ھەر قانداق قىيىنچىلىق قەھرىمان جۇڭگو خەلقىنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ!›› خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىپ، دۇنيا خەلقىگە جاراڭلىق، قالتىس جاۋاب قايتۇرۇلدى.
بۇ يىل يازدا بېيجىڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش قويۇق كەيپىياتى ئۇرغۇدى. 25 – ئىيۇن يېڭىدىن قاتناش باشلانغان بېيجىڭ رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ ئايروپورت لىنىيىسى بىر ئالاھىدە يولۇچىنى باش شۇجى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالدى. ئۇ ئۆزى ھېس قىلىپ بېقىش شەكلىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئو ت م يۈرۈشلۈك قاتناش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. خۇ جىنتاۋ 20 – ئىيۇل چىڭداۋغا بېرىپ، لەشنى تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە ئىگىلىدى. ئۇ كۆپچىلىكنى بوشاشماستىن دائىم تەييار تۇرۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
خۇ جىنتاۋ 23 – ئىيۇل تومۇزغا قارىماي دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى مەشىق ئىدارىسىنىڭ تەنھەرىكەت سارىيىغا كەلدى، ئۇ تەنھەرىكەت مەيدانلىرىغا بىرمۇ بىر كىرىپ، تەنھەرىكەتچى، ترېنېر ۋە خىزمەتچىلەرنى يوقلاپ، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م دا تەنھەرىكەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكتىن قوش نەتىجە قازىنىشنى ئۈمىد قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 26 – ئىيۇل 7 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، زامانىۋى ئولىمپىك ھەرىكىتى بىلەن بېيجىڭ ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م سىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ››
يەنە ئون كۈندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ نەزەرى بېيجىڭغا مەركەزلىشىپ، دۇنيا خەلقى ئولىمپىك مۇقەددەس ئوتىنىڭ شەرقتىكى مەدەنىي، قەدىمىي دۆلەتتە تۇتاشتۇرۇلۇپ شانلىق سەھىپە ئېچىلغانلىقىغا شاھىد بولىدۇ...
1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى ئەمەلىي ھەرىكىتى، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغان قىياپىتى، تېخىمۇ ئوچۇق كۆڭلى بىلەن دۇنياغا قوينىنى ئېچىپ، خەلقئارا ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقۇسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28 – ئىيۇل تېلېگراممىسى
|