باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاقسۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شاڭخەيلىك كادىرلار ياردەمنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى
2008- 07- 30 11:40 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاقسۇ خەلقى يېقىندا شاڭخەي شەھىرىدىن 5 – تۈركۈمدە ئاقسۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلارنى تەنتەنە بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. 5 – تۈركۈمدە ئاقسۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن 56 كادىر ئۈچ يىلدىن بويان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئەقىل، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتىن كۈچلۈك يار –  يۆلەك بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جەمئىي 182 مىليون يۈەن قىممىتىدە مەبلەغ ۋە ماددىي بۇيۇم ياردەم قىلدى، 37  تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، شاڭخەي – ئاقسۇ ئىككى رايوننىڭ ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

   شاڭخەيدىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلار ئۈچ يىلدىن بويان ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى، تېخنىكىسى ۋە ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ياردەم››نىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. ئۇلار باشتىن –  ئاخىر ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش،‹‹1+1 ››نامراتلارغا يار –  يۆلەك بولۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق جانلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نۇرغۇن نامرات ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. ئۈچ يىلدىن بويان  نامرات ئائىلە، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا جەمئىي 664 مىڭ 800 يۈەن ئىئانە قىلىپ، 500دىن ئارتۇق نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بەردى. ‹‹باھار غۇنچىلىرى قىزلار سىنىپى››دىن 26نى ئېچىپ، ئائىلىسى نامرات 1252 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شاڭخەي شەھىرى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە جۇڭگو دېڭىز ترانسپورت گۇرۇھى ئۆزلىرىنىڭ ئېغىزلار بويىچە ياردەم بېرىش نۇقتىسى بولغان ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ، ئاۋات، ئۇچتۇرپان، كەلپىن ناھىيىلىرىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، ‹‹بەييۈلەن كەنتى›› قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشلەپ، نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن 5 مىليارد 60 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە نەقلەشكەن مەبلەغ 2 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يەتتى. نۆۋەتتە، بۇ ئورۇنلار ياردەم بېرىپ سالغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي، ۋىلايەتلىك تەربىيىلەش مەركىزى، ئاقسۇ شەھەرلىك چىلان پىششىقلاش بازىسى، كۇچا ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە كەلپىن ناھىيىسىدىكى تېمىتىپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىۋاسىتە تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، شەھەر، بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ