باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
31 –ئىيۇلدىن 3 –ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃37–℃40 ئەتىراپىدا بولىدىكەن
2008- 07- 30 10:38 تەڭرىتاغ تورى

    بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 –ئىيۇلدىن 3 –ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ رايونىدا كۆرۈلۈپ ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃37–℃40 ئەتىراپىدا بولىدىكەن. 2–ئاۋغۇست شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تېمپېراتۇراسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن . ئۈرۈمچى رايونىنىڭ تېمپېراتۇراسى℃36.5 قا يېتىدىكەن. بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدىكەن .

     29 – ئىيۇل ، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى. مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 31 – ئىيۇلدىن ، 3 – ئاۋغۇستقىچە ، ئالتاي رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃35 تىن ℃37 قىچە بولىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىلىرى ، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ، چۆچەك ۋىلايىتى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى ، قۇمۇلنىڭ جەنۇبى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ، ℃37 تىن ℃40 قىچە بولىدىكەن ، تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ئويمانلىقىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45 قا چىقىدىكەن.   

      شەك – شۈبھىسىزكى ، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شىنجاڭدا بولۇۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۈمكىنكەن . ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي ئېنژېنېر ۋېي روڭچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇلىشىپلا كەلگەن بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يەنىلا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەككەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە ، تاغلاردىكى يىغىلىپ قالغان قارلار تېز سۈرئەتتە ئېرىپ ، قار سۇلىرىدىن ھاسىل بولغان كەلكۈن كېلىشى ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن . ئاقسۇ ۋىلايىتى ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسملىرى ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى قاتارلىق جايلار تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى لازىم ئىكەن.

     يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ توك ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن بولۇپ ، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان توك ، سۇنى تەڭشەپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، شۇنداقلا ، ھەر خىل ئوت ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىدۇ .  

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ