باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قانۇنىي كاپالەت
2008- 07- 30 10:00 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىز ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، يازدا كەلكۈن، كۈزدە سۇ يېتىشمەسلىك، قىشتا سۇ قەھەتچىلىكى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان جايلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، قۇرغاقچىلىق بىلەن كەلكۈن يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىققا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان تەبىئىي ئاپەت. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يىلى 30 دىن 40 قىچە ناھىيە، شەھەر ۋە خېلى كۆپ ساندىكى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ۋە ئىجىتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن رايون دائىرىسى، قېتىم سانى ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنى يىلدىن –  يىلغا ئاشقان، ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئۆلۈش – يارىلىنىش ھادىسىلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەسىل خاراكتېرلىك قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر يىلى 600 مىڭ مودىن 1 مىليون موغىچە تېرىلغۇ يەر، 1 مىليون 500 مىڭ مودىن 2 مىليون موغىچە ئوتلاق قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە توساق بولۇپ قالغان. كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە سۇ قۇرۇلۇش تارماقلىرى خېلى كۆپ سۇ قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ياسىدى. بۇ قۇرۇلۇشلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور رول ئويناپ، كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

  بىراق شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كېيىنرەك باشلانغان، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتەر يۈز بېرىدىغان جاي، دەريا –  ئېقىن بۆلەكلىرى كۆپ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 570 تىن كۆپرەك دەريا –  ئېقىننىڭ كۆپىنچىسى تېخى تولۇق تىزگىنلەنمىدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كەلكۈن ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان 60 نەچچە ئاساسلىق دەريا – ئېقىن، 3000 دىن كۆپرەك كەلكۈن جىلغىسى يەنىلا ئۈزۈل – كېسىل تىزگىنلەنمىدى، دەريا يوللىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى تېخنىكىلىق تەلەپكە يەتمەيدۇ. ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش كۆپ بولۇپ، ئۆلچىمى تۆۋەن، كەلكۈننى تىزگىنلەش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى سۇ قۇرۇلۇشلىرى كونىراپ كەتكەن، ئىقتىدارى ئاجىز. شۇڭا، خەتەرلىك ئەھۋاللار پات – پات يۈز بېرىپ تۇرماقتا.

   بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› دېيىلدى) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەلكۈننى تىزگىنلەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، كەلكۈن خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› گە ئاساسەن، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتە رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مۇھىم شەھەر، ئاساسلىق سۇ ئامبىرى، ئېرىق – ئۆستەڭ، خەتەر يۈز بېرىدىغان ئېقىن بۆلەكلىرىدە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجىتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپەيتىلىپ، ئېرىق –  ئۆستەڭ، كۆللەرنى تىزگىنلەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان قۇرۇلۇشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى كېسىپ ئۆتكەن، ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە يېقىن، كەلكۈن توسۇش توسمىسىدىن ھالقىپ ئۆتكەن، شۇنىڭدەك تاغ ئېتەكلىرىدىكى سۇ ئاسان يىغىلىپ قالىدىغان جايلارنى كېسىپ ئۆتكەن تاشيول، تۇرۇبا يولى، ئوپتىك لىنىيىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، دەريا يولى، كۆل رايونى دائىرىسىدە شېغىل، قۇم، توپا، تاش، ئالتۇن قېزىش قاتارلىقلار قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ، كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئاسان ئۇچرايدىغان جايلاردىكى نېفىتلىك، تۇرۇبا يولى، تۆمۈر يول، تاشيول، كان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، تېلېگراف كارخانىلىرى، مەمۇرىي ئورۇنلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش پىلانىنىڭ تەلىپى بويىچە، زۆرۈر بولغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئۆزىنى قوغداش قۇرۇلۇشى قىلىش ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئىدارە – ئورگانلار، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خېيىمخەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى ئوبدان ئىشلىدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ