باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتى كەسكىن، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل
2008- 07- 29 10:13 شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى توغرىسىدا (1)

     بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش، قۇرغاقچىلىق كۈچىيىش، ھۆل – يېغىن مىقدارى ئازىيىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، كەڭ دائىرىلىك، ئۇزاققا سوزۇلغان قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىمالىي شىنجاڭدىكى بەزى جايلاردىكى مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1974 – يىلىدىن بۇيانقى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە كادىر، ئاممىنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كەلتۈرگەن زىيان ئۈنۈملۈك ئازايتىلدى. بىراق، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا 12 مىليون 200 مىڭ مو زىرائەت قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى، تۆت ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆلەم ئايرىم  –  ئايرىم مىليون مودىن ئېشىپ كەتتى

   ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش – قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق شتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 12 مىليون 200 مىڭ مو(بىنەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا، ئاپەت كۆلىمى 6 مىليون 400مىڭ  موغا، ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغان كۆلەم 1 مىليون 320 مىڭ موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان كۆلەم 3 مىليون مو، قەشقەر ۋىلايىتىدە 2 مىليون 580 مىڭ مو، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 1 مىليون 870 مىڭ مو، ئالتاي ۋىلايىتىدە 1 مىليون 400 مىڭ مو، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1 مىليون 280 مىڭ مو، خوتەن ۋىلايىتىدە 830 مىڭ مو، سانجى ئوبلاستىدا 610 مىڭ مو، تۇرپان ۋىلايىتىدە 120 مىڭ موغا يەتكەن، قىزىلسۇ ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇمۇل ۋىلايىتى قاتارلىق قىسمەن سۇغىرىش رايونلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 280 مىليون مو بولۇپ، تەبىئىي ئوتلاق ۋە چاپمىلىقتىكى ئوت  – چۆپ مىقدارى % 30 –  % 40 كىچە ئازىيىپ كەتكەن، 12 مىليون تۇياق چارۋامالنى نورمال يايلىتىپ بېقىش مۇمكىن بولمىغان، چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا 2 مىليون موغا يېقىن يەم – خەشەك يېرىدىكى ھوسۇل% 50 تىن كۆپرەك كېمىيىپ كەتكەن، 500 مىڭ مودىن ئارتۇق يەم – خەشەك يېرىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ھوسۇل ئالغىلى بولمىغان.

   بولۇپمۇ چۆچەك – دۆربىلجىن ئويمانلىقىدا 35 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 3 مىليون موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپەت بولغان كۆلەم 2 مىليون مو بولۇپ، 950 مىڭ مو يەردىن ھوسۇل ئالغىلى بولمىغان، تەبىئىي ئوتلاقتىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆلەم 56 مىليون مودىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ، ئوتلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ% 66 ىنى ئىگىلەيدۇ، 1 مىليون 900 مىڭ تۇياق چارۋامالنى يايلىتىپ بېقىش قىيىنلىشىپ، 74 مىڭ دېھقان – چارۋىچى ئاپەتكە ئۇچرىغان.

    ئالتاي ۋىلايىتىدە 1 مىليون 400 مىڭ مو ئېتىز، 65 مىليون 820 مىڭ مو ئوتلاق قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان، بۇ پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ % 60.6 ىنى ئىگىلەيدۇ، 220 مىڭ دېھقان – چارۋىچى ۋە 1 مىليون 200 مىڭ تۇياق چارۋامال ئېغىر قۇرغاقچىلىق تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ گوشىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللاردا ياز كۈنلىرى دۆلەت يولى 216 – لىنىيىسىنى بويلاپ ئالتاي شەھىرىدىن كۆكتوقاي ناھىيىسىگە قاراپ ماڭسىڭىز، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكىنى كۆرەلەيتتىڭىز. بۇ يىل تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپى قاغجىراپ كەتتى.

   بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 10 – شى 181 – تۇەن 1 – يىڭ 1 – ليەننىڭ ئېتىز يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نۇرغۇن ئاپتاپپەرەس، گازىر تاۋۇزى قاتارلىق زىرائەتلەر سۇ بولمىغانلىقتىن قۇرۇشقا باشلىغان، بۇغدايلارنىڭ يېرىمى دان تۇتماي تۇرۇپلا ئورۇۋېتىلگەن. نۇرغۇن ئېتىز باشلىرىدا قۇدۇق قېزىلغان بولسىمۇ، سۇ يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، سۇ پومپىلىرىمۇ ‹‹دەم ئېلىش››قا مەجبۇر بولغان.

    ئوتلاق كەڭ دائىرىدە قۇرۇشقا باشلىغانلىقتىن، قابا ناھىيىسىدىكى چارۋىچى يېركېنبېك قىسمەن چارۋا ماللىرىنى ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر باھا تۆۋەنرەك بولسىمۇ، بەزى چارۋاماللارنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن يەم – خەشەك تېجىلىپ قالىدۇ، بۇ قالغان چارۋىلارغا پايدىلىق.

   نىلقا ناھىيىسى قاراسۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: قۇرغاقچىلىق ئاپىتى 5 – ئايدا باشلاندى، ھازىر تەۋەلىكىمىزدىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ كەتتى، قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىش ۋە سۇ تارتىش ئارقىلىق قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ يىل يېزىمىزدىكى 50 مىڭ مو بۇغدايدىن ھوسۇل ئالغىلى بولمىدى، شال ھوسۇلىمۇ% 30تىن كۆپرەك كېمىيىپ كەتتى.

   جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى زىرائەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى 6 – ئاينىڭ باشلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى، بۇ دەل بۇغداي دان تۇتىدىغان، پىشىدىغان مەزگىل بولۇپ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، قۇرغاق ئىسسىق شامال كۆپ چىققانلىقتىن، بۇغداي باشاقلىرى يىگىلەپ، ھوسۇل كېمىيىپ كەتتى.

   قىش پەسلىدە قار ئاز، ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھۆل – يېغىن مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 1 – ئامىل

   بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر بولىدۇ؟ جاڭ جىلياڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدە قارنىڭ ئاز يېغىشى؛ تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى، ھۆل – يېغىن مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى؛ دەريا – ئۆستەڭلەردە سۇنىڭ ئاز بولۇشى؛ سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە قىسمەن رايونلاردىكى قۇرۇلۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى؛ سۇ كۆپ تارتىلغانلىقتىن، دەريا – ئۆستەڭلەردىكى سۇ مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل.

   بۇلتۇر قىشتا شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاز بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىدە قىشلىق ھۆل – يېغىن مىقدارى تارىختىكى ئەڭ ئاز بولغان بىر يىل بولدى، قار بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى ئاران  %60 بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئەتراپىدا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 كېمىيىپ كەتتى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدە قىشتىكى قار مىقدارىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن  %60تىن كۆپرەك كېمىيىپ كەتتى.

   بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەتىياز ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بالدۇرراق كەلدى، ئەتىياز پەسلىدە شىمالىي شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃2.5 يۇقىرى بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا℃2.5 يۇقىرى بولدى، بۇ قىش پەسلىدىكى ئاز مىقداردىكى يىغىندى قارنىڭ بالدۇر، تېز ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ 6 – ئاي كىرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 49 ھاۋارايى پونكىتى ئۆلچەپ چىققان تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىقى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 1 – ئورۇندا تۇردى. ھۆل – يېغىن مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئاز بولدى، شىمالىي شىنجاڭدا %40، جەنۇبىي شىنجاڭدا %50 كېمىيىپ كەتتى، قىسمەن رايونلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ھۆل – يېغىن بولمىدى. تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھۆل – يېغىن مىقدارىنىڭ ئازلىقى، قۇرغاق، ئىسسىق شامالنىڭ كۆپ چىقىشى، پارغا ئايلىنىش مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى ئېتىزلارنىڭ نەملىكىنىڭ يوقىلىشى، زىرائەتلەرنى سۇغىرىش ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى، سۇ ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىرائەتلەرنى قۇرغاقچىلىققا ئۇچراتتى.

   ئىلى ئوبلاستىلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى گاۋ مىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئىلى دەريا ۋادىسىدا بۇ يىل بىرەر قېتىممۇ تۈزۈكرەك يامغۇر ياغمىدى، 14 – ئىيۇلدىن بۇيان، پۈتكۈل دەريا ۋادىسىدىكى رايونلاردا كۈندىلىك ھۆل – يېغىن مىقدارى  بەش مىللىمېتىردىن ئاشمىدى، بىراق ℃30 تىن ئاشىدىغان ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈشى 70 كۈندىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىل تارىختىكى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاز بىر يىل بولدى.

   6 – ئاي بۇغداي دان تۇتىدىغان، كېۋەزگە تۇنجى سۇ ئاچىدىغان، مېۋىلىك دەرەخلەر، تەكرار تېرىلىدىغان زىرائەتلەر مەركەزلىك سۇغىرىلىدىغان مەزگىل بولسىمۇ، ئاساسلىق دەريا – ئۆستەڭلەردىكى سۇ مىقدارى كېمىيىپ كەتتى، 6 – ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قىسمەن دەريا – ئۆستەڭلەرگە نورمال ھەتتا بىر قەدەر كۆپ سۇ كەلگەندىن سىرت، باشقا جايلاردىكى ئاساسلىق دەريا – ئۆستەڭلەردىكى سۇ مىقدارى كۆرۈنەرلىك كېمىيىپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دەريا – ئۆستەڭلەردىكى سۇ مىقدارى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %67 ئاز بولدى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا %66، بايىنغولىن ئوبلاستىدا   %47، ئىلى دەريا ۋادىسىدا %44 ئاز بولدى، باشقا رايونلاردا سۇ مىقدارى  % 18تىن %36كىچە كېمىيىپ كەتتى. ئۇلۇڭگۈر دەرياسى، جىڭ دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى داۋاملىق كۆرۈلدى. 7 – ئاينىڭ بېشىدا، ھەر قايسى دەريالاردىكى سۇ ئەھۋالى ئازراق ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىر قەدەر ئاز بولدى، تاشقىن مەزگىلىدىمۇ سۇ مىقدارىنىڭ يەنىلا ئاز بولۇشى ھەقىقەتەن ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

   سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق رېمونت قىلىنماسلىقى تۈپەيلىدىن سۇ ئامبىرىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 2 – ئامىل

   سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە قىسمەن رايونلاردىكى قۇرۇلۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئۆلچەمنىڭ تۆۋەن، سۇ يەتكۈزۈش شارائىتىنىڭ ناچار، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بولۇپمۇ قىش پەسلىدىكى مۇز – ئۈششۈك، شۈرمەل تاشقىنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە قىسمەن رايونلاردىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق رېمونت قىلىنماسلىقى بۇ يىلقى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

   ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ يەتكۈزۈش مىقدارى ئېشىپ، دەريا – ئۆستەڭلەردىكى سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، يەنە كېلىپ قىسمەن سۇ ئامبىرى خەتەرنى تۈگىتىش، پۇختىلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ساقلانغان سۇ مىقدارىغا تەسىر يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاپتونوم رايوندىكى سۇ ئامبارلىرىدا سۇ مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئاز بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان زاپاس سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولمىدى. 7 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى سۇ ئامبارلىرىدا 1 مىليارد 238 مىليون 800 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ساقلانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %0.47 كېمىيىپ كەتتى. قىسمەن رايونلاردا يىلبويى قۇرغاقچىلىق بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم توك قۇدۇقلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توك قۇدۇقىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە سەرپىيات يۇقىرى بولىدۇ، چىقىدىغان سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى رايونلاردا يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ، سۇ پومپىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى.

   قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، سۇ تېجەش ئېڭىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 3 – ئامىل

   جاڭ جىلياڭ قۇرغاقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇبيېكتىپ ئامىل توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ بايلىقى مول قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، سۇ تېجەش ئېڭى يېتەرلىك ئەمەس، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىلىرى كەمچىل بولۇپ، سۇغىرىش نورمىسى يۇقىرى. بەزى رايونلاردا ‹‹سۇغا ئاساسەن يەرنى بېكىتىش›› چارىسى يولغا قويۇلمىغان، سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولغاچقا، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك زىرائەتلەر مەركەزلىك سۇغىرىلغاچقا، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ