|
ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يۈز يىللىق ئارمىنى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ يۈكسەك بۇرچى. بۇرچ شەرەپ بىلەن، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت بىلەن باغلىنىشلىق. شەرەپنى ھەممىمىز قەدىرلىشىمىز ۋە ئاسرىشىمىز، مەسئۇلىيەتنى ھەممىمىز زىممىمىزگە ئېلىشىمىز ۋە ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ 26 – ئىيۇل ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 7 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا: بىز بېيجىڭ ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئو ت م نى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىتتىپاق، دوستانە، تىنچ بولۇشتەك ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز خەلقى بىلەن ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىز خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بېيجىڭ ئو ت م نى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، شۇنداقلا تېپىلغۇسىز پۇرسەت، ئۇنى چوقۇم چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بېيجىڭ ئو ت م نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەر قايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا، شۇنداقلا خەلقنىڭ پائال قوللىشىغا موھتاج. خەلقنىڭ پائال قوللىشى، قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشتىن – ئاخىر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق. يېشىل ئولىمپىك، پەن – تېخنىكىلىق ئولىمپىك، خەلقچىل ئولىمپىك قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ‹‹قاتنىشىمەن، كۈچ قوشىمەن، شادلىنىمەن›› پائالىيىتىنىڭ ئىلھامىدا، تېخىمۇ كۆپ ئامما ئولىمپىكقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئولىمپىكقا كۈچ قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېلىمىز خەلقى بىلەن ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئازغىنە تۆھپىسىدىن ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر شەكىللەندى.
بېيجىڭ ئو ت م نى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئو ت م گە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، كىشىلەر زامانىۋى قۇرۇلۇش قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى كۆرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كۈنسېرى ئىناق بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى، ئۆز يېنىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى ھېس قىلدى. بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ساھىبخانى بولغان جۇڭگو خەلقى بۇ چوڭ سەھنىدە ئىتتىپاق، دوستانە، تىنچ بولغان ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرەپتىن ھۇزۇرلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماقتا. ھەر بىرىمىز مەدەنىيلىك جەھەتتە كىچىك بىر قەدەم ئىلگىرىلىسەك، جۇڭگو جەمئىيىتى ئىناقلىقتا چوڭ بىر قەدەم تاشلايدۇ. ئەگەر، بېيجىڭ ئو ت م نى دۇنياغا بىر كۆركەم مەنزىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈچىمىز بىلەن بېيجىڭ ئو ت م گە چىرايلىق رەڭ قوشۇۋاتىمىز.
بېيجىڭ ئو ت م ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا كۆز تىكمەكتە. بىز ئومۇمىيلىق ئېڭىمىزنى، مەسئۇلىيەت قارىشىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش، ئو ت م گە كۈچ قوشۇش››نى باش تېما قىلغان ھالدا، مەدەنىي، ئەدەپلىك، ئىتتىپاق، دوستانە، قىزغىن، مېھماندوست بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى ۋە مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جەزمەن بارلىق قىزغىنلىقىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م نى خەلقئارا جەمئىيەت، ھەر قايسى ئەللەر تەنھەرىكەتچىلىرى، خەلق رازى بولىدىغان كاتتا خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق شەرىپى ۋە مەسئۇلىيىتى، ھەممىنى ئۆزىمىزدىن، يېنىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلايلى.
|