باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
سودا ساھەسىدىكى مىڭدەك رەھبەر بېيجىڭغا ئو ت م نى كۆرگىلى كېلىدۇ
2008- 07- 29 09:55 شىنجاڭ گېزىتى

   بېيجىڭ ئو ت م پات ئارىدا باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئو ت م 80 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ مىڭدەك كاتتىبېشىمۇ ئو ت م نى كۆرگىلى بېيجىڭگە كېلىدىغان بولدى.

   ‹‹ۋال – سترېت›› گېزىتىنىڭ 16 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ‹‹BP›› نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى خوۋارد، ئامېرىكا ‹‹بلاكستون›› گۇرۇھىدىكى شۋارتسمان، ئورما زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىكى سكوفت، ئەنگلىيە زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىكى موردوك ۋە موتورولادىكى بروۋن قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەت خوجايىنلىرى بۇ يىلقى بېيجىڭ ئو ت م غا ناھايىتى قىزىقىپ قالدى، ئۇلار ئو ت م مەزگىلىدە مۇسابىقە كۆرگىلى بېيجىڭغا كېلىپلا قالماي، يەنە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىپ، خېرىدارلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن. بۇ سودا ماگناتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئو ت م  ھازىرقى ئەڭ چوڭ سودا پۇرسىتى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ باشلىقلىرى كۆرۈشكەندە ‹‹ئو ت م مەزگىلىدە بېيجىڭدا بولامسىز؟›› دېيىش مودا بولۇپ قالدى.

   بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئو ت م باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ بېلىتىنىڭ بازار باھاسى 50مىڭ يۈەنگە، ‹‹BMV››غا ئوخشاش ئالىي دەرىجىلىك پىكاپلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 15مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى چاغدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى، دەپ خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بۇ 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىتىش قىزغىنلىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىدى.

   شۇنى تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇكى، جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بۇ قېتىمقى ئو ت م غا قاتنىشىدىغان 500 كۈچلۈك كارخانا باشلىقلىرىنىڭ سانى شۋېتسارىيە داۋوس يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئو ت م نىڭ ئەھمىيىتى ئەمەلىيەتتە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىدىن ھالقىپ، خەلقئارادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەربابلارنىڭ چوڭ يىغىلىشىغا ئايلاندى.

   تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان يوشۇرۇن كۈچكە تولغان دۆلەت، ھازىر زور بىر تۈركۈم شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە پايدا ئېلىش ئىقتىدارىغا قارىتا ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان پەيتتە تېخىمۇ شۇنداق. جۇڭگو دۇنيا بويىچە يان تېلېفون ئابونتلىرى ئەڭ كۆپ بازار، شۇنداقلا ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان نېفىت، ئاپتوموبىل، شەخسىي كۇمپيۇتېر بازىرى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ تور ئابونتلىرى ئامېرىكىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ