|
تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا ئارىسىغا خالىغانچە ئېلان قىستۇرۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، يېقىندا رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان ۋە ئۇلاپ يەتكۈزۈلگەندە ئارىسىغا ھەرقانداق شەكىلدىكى سودا ئېلانلىرىنى قىستۇرۇشنى مەنئى قىلدى.
رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى سىملىق تېلېۋىزىيە تور ئاپپاراتلىرىنىڭ پروگراممىلارنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش، يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى سادىر قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان ئورۇنلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن سىرت، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مەسىلە سادىر قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك.
تېخنىكىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە، رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن تارقىتىشنى نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى نازارەت قىلىش دائىرىسىنى سىملىق تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى نازارەت قىلىشقىچە كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
|