باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى جايلاردىن مال باھاسىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2008- 07- 29 09:46 شىنجاڭ گېزىتى

    دۆلەت تەرەققىيات –  ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ماۋ يېقىندا ئېچىلغان‹‹مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، باھا ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە قانۇنچىلىق خىزمىتى يىغىنى››دا، جايلاردىن مال باھاسىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، باھا ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە باھا قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باھانى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، كۆمۈر، توك، ياغ، گاز ھەم خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلار باھاسىدىكى نورمالسىزلىقنى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مال باھاسىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي – ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە، تەييار ماي ۋە ئېلېكتر كۈچى باھاسىنىڭ تەڭشىلىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، باھادىكى نورمالسىز داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھۆكۈمەت باشقۇرغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئىزچىل مۇقىملاشتۇرۇپ، تەييار ماي، توك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كۆرسىتىدىغان تەسىرلەرنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى، توك، سۇ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي – ئەشيالىرى باھاسىغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مال باھاسى ئۆسۈشىنىڭ تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىپ، باھا ئۆرلەش سەۋەبىدىن تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى، باھا قانۇنى چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھانى بېكىتىش ھەرىكىتى بىلەن بازار باھا ھەرىكىتى جەھەتتىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ،قېلىپلاشتۇرۇپ، ‹‹مونوپولىيىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى›› غا دائىر يۈرۈشلەشكەن قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

    يىغىندا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش دائىرىسىدە كونترول قىلىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ