|
ئالدىنقى قېتىملىق شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلگىنىگە ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، مال باھاسى داۋاملىق ئۆستى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مۇتەخەسسىسلەر باج ئېلىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ مال باھاسىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋېي جيې مۇنداق دېدى: ئاھالىنىڭ شەخسىي ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھازىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال – مۈلكى ئارقىلىق قىلىدىغان كىرىمى ئائىلە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %45 ىگە يېتىپ، ئەمگىكى ئارقىلىق قىلىدىغان كىرىمىگە يېقىنلاشتى، ئەمما دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىگە تايىنىپ قىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئائىلە كىرىمىنىڭ %2 ىگىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فۇجوڭ: ئەمدى ئۆسۈم، تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى توختىتىدىغان ۋاقىت بولدى، ھازىر CPI توختىماي ئۆرلەپ، ئامانەت پۇلنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى مەنپىي سان بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىدىن باج ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى قالمىدى، دېدى.
مەيلى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ياكى ئۆسۈم بېجىنى كېمەيتىش بولسۇن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رولى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆسۈپ بېرىۋاتقان مال باھاسىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى لىن سېن مۇنداق دېدى: ئەگەر مال باھاسى مۇقىم بولغان بولسا تاۋار بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا مال باھاسىنىڭ باج يۈكىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو بانكىچىلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو تيەنيوڭ مۇنداق دېدى: سېممېترىكسىز قوشۇلما ئۆسۈم سىياسىتىنى يولغا قويۇش، يەنى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى ئاشۇرۇش، قەرز پۇل ئۆسۈمىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ تۆت خىل پايدىسى بار: بۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پۇل پاخاللىقى كۆزلىمە مەزگىلىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق؛ بانكا كەسپىنى ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق؛ ئاھالىنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛ سېممېترىكسىز ئۆسۈم قوشۇش ھەم ئامانەت قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بوشلۇقىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
|