باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>> 乌鲁木齐图片
30-ئىيۇل ئۈرۈمچى
2008- 07- 29 09:34 تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19بولىدۇ.

    ئالتايدا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃34 ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18 بولىدۇ .

   چۆچەكتە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃21 بولىدۇ.

   غۇلجىدا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃20 بولىدۇ.

   بۆرتالادا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36 ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃19بولىدۇ. ( بورتالا شەھىرى بۈگۈن ئىسسىق ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى چىقاردى).

   قارامايدا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃26بولىدۇ. ( قاراماي شەھىرى بۈگۈن ئىسسىق ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى چىقاردى).

   كۈيتۈندە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق،  يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃23 بولىدۇ.

   شىخەنزىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ،  يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃20 بولىدۇ.

   سانجىدا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق ،  يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃34 ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃20 بولىدۇ.

   قۇمۇلدا بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28 ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18بولىدۇ.

   تۇرپاندا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق بولىدۇ،  يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃38، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃26بولىدۇ. 

   كورلىدا بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30 ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18بولىدۇ.

   ئاقسۇدا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بولۇتلىنىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃17بولىدۇ.

   ئاتۇشتا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31 ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃20 بولىدۇ.

   قەشقەردە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ،  يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18بولىدۇ.

   خوتەندە ھاۋا ئوچۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.

     بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 –ئىيۇلدىن 3 –ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ رايونىدا كۆرۈلۈپ ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃37–℃40 ئەتىراپىدا بولىدىكەن. 2–ئاۋغۇست شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تېمپېراتۇراسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن . ئۈرۈمچى رايونىنىڭ تېمپېراتۇراسى℃36.5 قا يېتىدىكەن. بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدىكەن .

     29 – ئىيۇل ، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى. مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 31 – ئىيۇلدىن ، 3 – ئاۋغۇستقىچە ، ئالتاي رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃35 تىن ℃37 قىچە بولىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىلىرى ، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ، چۆچەك ۋىلايىتى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى ، قۇمۇلنىڭ جەنۇبى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ، ℃37 تىن ℃40 قىچە بولىدىكەن ، تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ئويمانلىقىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45 قا چىقىدىكەن.   

      شەك – شۈبھىسىزكى ، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شىنجاڭدا بولۇۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۈمكىنكەن . ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي ئېنژېنېر ۋېي روڭچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇلىشىپلا كەلگەن بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يەنىلا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەككەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە ، تاغلاردىكى يىغىلىپ قالغان قارلار تېز سۈرئەتتە ئېرىپ ، قار سۇلىرىدىن ھاسىل بولغان كەلكۈن كېلىشى ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن . ئاقسۇ ۋىلايىتى ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسملىرى ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى قاتارلىق جايلار تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى لازىم ئىكەن.

     يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ توك ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن بولۇپ ، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان توك ، سۇنى تەڭشەپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، شۇنداقلا ، ھەر خىل ئوت ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىدۇ .  

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ