|
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز سەنئەتكارلىرى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ‹‹دولان مەشرىپى››نى ئۈچ مىنۇت ئويناشتىن ئىبارەت كاتتا شەرەپ ۋە پۇرسەتكە ئېرىشكەن.
‹‹دولان مەشرىپى››نى 120 ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى ئورۇنلايدىكەن. يېرىم يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، ‹‹دولان مەشرىپى›› مەملىكەت بويىچە 126 نومۇر ئارىسىدا ئالاھىدە جىلۋىلىنىپ، ئاخىرى بېيجىڭ ئو ت م باش پەردىسىدىكى 28 ئېسىل نومۇر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن زىيۇڭ مۇنداق دېدى: ئو ت م دىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە ئۈچ مىنۇت چاقناش ھەقىقەتەن قىممەتلىك. 25 – ئىيۇل ئارتىسلار بېيجىڭغا ماڭىدۇ، ‹‹دولان مەشرىپى›› يەنە 29 – ئىيۇل بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئون كۈن قالغان كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت كېچىلىكىدە ئوينىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ‹‹ناغرا ساداسى››نى 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئو ت م نىڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر يېرىم مىنۇت ئورۇنلايدىكەن. شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ‹‹مۇقام باھارى›› بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مۇشۇ ئاينىڭ 29 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە بېيجىڭ ئازادلىق ئارمىيە تىياتىرخانىسىدا ئوينىلىدىكەن.
|