|
شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 6 – تۈركۈمدىكى كادىرلار ۋە شاڭخەي شەھەرلىك ئۇزىتىش ئۆمىكىدىكىلەر، شۇنداقلا خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 6 – تۈركۈمدىكى كادىرلار ۋە خېنەن ئۆلكىلىك ئۇزىتىش ئۆمىكىدىكىلەر 26 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلدى. ئاپتونوم رايون قارشى ئېلىش زىياپىتى بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن شاڭخەي شەھىرى ۋە خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار ھەم ئۇزىتىش ئۆمىكىدىكىلەرنى قارشى ئالدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شاڭخەي شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 6 – تۈركۈمدىكى كادىرلار بىزنى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشىمىزغا يېڭى كۈچ قوشىدۇ، شىنجاڭنىڭ، جۈملىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. بىز شاڭخەي شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 6 – تۈركۈمدىكى كادىرلارنىڭ ئالدىنقى بەش تۈركۈمدىكى كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى ۋە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈمىدنى يەردە قويماي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا يېڭى تۆھپە يارىتىپ، شاڭخەي – شىنجاڭ، خېنەن – شىنجاڭ دوستلۇقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشىغا تىلەكداشمىز ھەم ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 6 – تۈركۈمدىكى كادىرلار 27 – ئىيۇل ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ماڭىدىكەن.
|