باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بىللە ئىشلىگەن دوختۇرلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى
2008- 07- 28 18:11 شىنجاڭ گېزىتى

 ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا (6)

خۇبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر: ۋاڭ لىشياڭ

   ۋاڭ لىشياڭ خۇبېي ئۆلكىسى ئېجۇ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ناركوز بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى. ئۇ ناركوز كەسپى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغان بولۇپ، ناركوز تېخنىكىسى ناھايىتى ياخشى. 2006 – يىلى 8 – ئايدا، ئۇ خۇبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 3 – تۈركۈمدىكى كادىرلار قاتارىدا جىڭ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدى. جىڭدا خىزمەت قىلغان بىر يىل داۋامىدا، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ %80 ناركوز ئوپېراتسىيىسىگە قاتناشتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر كۈننىڭ ئىچىدە توققۇز بىمارنى ناركوز قىلدى.

   ئۇنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش داۋامىدا دائىم ئويلىغىنى جىڭ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ناركوز كەسپى بويىچە بىر ئىز باسار تەربىيىلەپ بېرىش بولدى، ئۇ تەربىيىلىگەن  ماۋ ۋېيمىن ھازىر دوختۇرخانىنىڭ غوللۇق خادىملىرىدىن بولۇپ قالدى.

   ۋاڭ لىشياڭ بىلەن بىللە خۇبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن 24 دوختۇر بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى ۋە ئارىشاڭ ناھىيىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى يىلدا 12 مىڭ كىشى(قېتىم) نىڭ كېسىلىنى كۆردى، 3000 دىن كۆپرەك ئوپېراتسىيىگە قاتناشتى شۇنداقلا تېببىي تەربىيىلەش ۋە يېزىلارغا چۈشۈپ خالىس كېسەل كۆرۈشكە قاتناشتى.

   بورتالا ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پۇ فۇگۈي مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى قىلچە ئايانماستىن بىزنىڭ كەسپىي خادىملىرىمىزغا ئۆگەتتى. ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ۋە دەرس سۆزلەش ئارقىلىق بىزگە نۇرغۇن كەسپىي خادىملارنى تەربىيىلەپ بەردى››.

جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر يېڭى بۆلۈم تەسىس قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ بىر تۈردىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى

   جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ جيەنمىن كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ يەردە رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، لېكىن ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا رېماتىزىم بۆلۈمىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭدىكى ۋاقتىدا چوقۇم ئىلى ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا بىر رېماتىزىم بۆلۈمىنى قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

   2006 – يىلى 4 – ئايدا، ئىلى ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ رېماتىزىم بۆلۈمى رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇ ئىشنى ئەڭ ئاساسىي خىزمەت بولغان كېسەل تارىخى يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلىدى. لاياقەتلىك بولمىغانلىرىنى قايتا يازغۇزدى، بەزى چاغلاردا بۇ ئىش بەش – ئالتە قېتىم قايتىلاندى. ئۇ كېسەل ياتاقلىرىنى تەكشۈرگەندە، خۇددى ئالىي مەكتەپ دەرسخانىسىدا دەرس سۆزلەۋاتقاندەك ئالدىرىماي بىر – بىرلەپ سۆزلەيتتى، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ سۆزلىگەن دەرسى 100 قېتىمغا يەتتى، ئەينى ۋاقىتتا بۆلۈمدە غوللۇق دوختۇرلار كەمچىل بولغاچقا، ئۇ دائىم سەھەر سائەت 3 – 4 لەردە كېسەلخانىغا كېلىپ كېسەل كۆرەتتى. دەسلەپتە رېماتىزىم بۆلۈمىدە ئون نەچچىلا كارىۋات بار ئىدى، ھازىر 40 نەچچە كارىۋاتقا يەتتى، تېخى كارىۋاتلار يېتىشمەي كارىۋات قوشۇشقا توغرا كېلىدىغان بولدى.

   ھازىر ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ كوزىرى بولۇپلا قالماي، ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ باشلامچىلىرىغا ئايلاندى. ئوبلاستلىق ‹‹دوستلۇق›› دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ رۈيروڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرگە باشلامچى بولۇپ، سۆڭەك كېسىلى، مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق ساھەلەردە 19 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون نەچچە تۈر يەرلىك ۋە دوختۇرخانىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. ئوبلاستلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن خوڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بىر نەچچە مۇتەخەسسىسكە باشلامچىلىق قىلىپ يۈرەك ئىچكى كېسىلى، ئۆسمە، تۇغۇتقا ئالاقىدار سەككىز يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى كىرگۈزۈپ قوللاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە تۈر يەرلىك دوختۇرخانىلاردىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر: ‹‹ئالاھىدە تەربىيىلەش، ئالاھىدە يېتەكلەش›› ئارقىلىق ياردەم بېرىش، يېتەكلەش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

   خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر خۇاڭ شىيۇڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئېغىر، چىگىش كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى داۋالىدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۇرپان ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار يىلىكنى تېشىپ توقۇلما ئېلىش ئوپېراتسىيىسىنى دوختۇرخانا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال قىلىپ، بەزى چىگىش، ئېغىر كېسەلنى داۋالاشقا قۇلايلىق ياراتتى.

   خۇاڭ شىيۇڭ ئۆزى باشلامچى بولۇپ دوختۇر –  سېسترالارنىڭ كەسپىي ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى، بەزى ئەڭ يېڭى كەسپىي بىلىملەر شۇنداقلا يېڭى تېخنىكىلارنى دوختۇرلارغا تونۇشتۇرۇپ، بالىلار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ