باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە قانۇن مۇنبىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2008- 07- 28 17:50 شىنجاڭ گېزىتى

    21 – ئىيۇل چۈشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە قانۇن مۇنبىرى پائالىيىتى شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي مۇنبەرگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ‹‹جۇڭشەن›› ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتى، ۋۇخەن تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق – قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتى، يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇنشۇناسلىرى ۋە رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى قانۇن مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلدى.

   خۇ ۋېي مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىرلىشىشى ۋە سودا ئەركىنلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، بازار قائىدىسى، سىياسەت – قانۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا قانۇننى تەتبىقلاش، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن – نىزاملىرى بىلەن خەلقئارا ئادەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش، تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى دائىرىسىدىكى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى بىلەن WTOنىڭ قانۇن نەزەرىيىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق قانۇن مەسىلىلىرى ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، رايون ئىقتىسادىي ھەرىكىتىنىڭ ئادىل، باراۋەر قانۇن مۇھىتى ئىچىدە يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئورتاق يۇقىرى كۆتۈرۈش داۋاملىق جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە موھتاج.

   خۇ ۋېي مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەتتىكى قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى قانۇن مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بازار ئىگىلىكى رامكىسى ئىچىدە رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ قانۇن كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ