باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتالچىلىقىدا يەنە ئىككى چوڭ كانغا ئۇل سېلىندى
2008- 07- 28 12:18 شىنجاڭ گېزىتى

  كۈرەش مەخسۇت ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەڭلىك مېتال سانائەت تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. كۈنىگە 2000 توننا رۇدا ئىلغايدىغان تۈرگېن مىس – نىكېل كېنى ۋە كۈنىگە 5000 توننا رۇدا ئىلغايدىغان كۆكتال قوغۇشۇن – سىنك كېنى قۇرۇلۇشلىرىدا يېقىندا راسمىي ئىش باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ئىككى قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    24 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا ‹‹خۇاجىن›› كانچىلىق گۇرۇھ شىركىتى بىلەن شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھ شىركىتى تەڭ مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان شىنجاڭ ‹‹چيەنشىن›› كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈنىگە 5000 توننا رۇدا ئىلغايدىغان كۆكتال قوغۇشۇن – سىنك كان قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشقا ئۇل سېلىش مۇراسىمى كۆكتوقاي ناھىيىسىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى؛ شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى بىلەن چىڭخەي غەربىي رايون كانچىلىق گۇرۇھى تەڭ مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان قۇمۇل ‹‹خېشىن›› كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈنىگە 2000 توننا رۇدا ئىلغايدىغان تۈرگېن مىس – نىكېل كان قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشقا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 21 – ئىيۇل قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. كۈرەش مەخسۇت ۋە قۇمۇل ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، چىڭخەي غەربىي رايون كانچىلىق گۇرۇھى، ئوتتۇرا ئاسىيا ‹‹خۇاجىن›› كانچىلىق گۇرۇھ شىركىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

    كۈرەش مەخسۇت ‹‹چيەنشىن›› كانچىلىق شىركىتى بىلەن ‹‹خېشىن›› كانچىلىق شىركىتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىناقلىق بەرپا قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، بايلىق ۋە مۇھىتنى قوغداپ، ئىلمىي، تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، ئىلغار، مۇھىتنى ئاسرايدىغان ئايرىش تېخنىكىسى ۋە ھۈنەر – سەنئىتىنى قوللىنىپ، كۆلەملەشكەن ئىگىلىك، تۈجۈپىلىك ئىگىلىك، ئايلانما ئىگىلىك پرىنسىپى بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى پائال تېزلىتىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەم چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ