باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
فۇنكسىيىنى ئەستايىدىل جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرەيلى
2008- 07- 25 12:41 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ‹‹يولغا قويۇش پروگراممىسى››نى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 2005 – يىلى 9 – ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹تەربىيە، تۈزۈم، نازارەتچىلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پروگراممىسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك باشلامچىلىق ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ‹‹يولغا قويۇش پروگراممىسى››نى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيىلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم كۈندىلىك باشقۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتتى. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىش ھەم پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسىنى كادىرلارنى تەربىيىلەش – يېتىشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى ۋە مەمۇرىي ئىنستىتۇتلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئاساسىدا پىلان تۈزۈپ، ئۇنى ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا كىرگۈزدى. ئاپتونوم رايون بويىچە كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋە يېزا – بازارلىق پارتكوم شۇجىسى، يېزا – بازار باشلىقلىرىنىڭ ‹‹سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش››بويىچە مەخسۇس تەربىيىلىنىش كۇرسى ئېچىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلارنى كۆپەيتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكىلەر ‹‹يولغا قويۇش پروگراممىسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى بىلەن تەشكىلىي تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چىرىكلىكنى مەنبەدىن توستى. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللاندى:

     ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن سۆزلىشىش، خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان دائىملىق نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتتى. ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشقۇرىدىغان پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سۆزلىشىش ۋە خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تۈزۈپ تارقىتىپ، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كېلىشىپ سۆزلىشىش توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى. 2006 – يىلىدىن بۇيان، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىگە قويۇلغان رەھبىرىي كادىرلار بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن سۆزلىشىشنى كۈچەيتتى.

     پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ھەر يىلى ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلدى. يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوم ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن نامزاتلار ۋە كۆرسىتىلگەن نامزاتلارغا ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلدى.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش – باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتتى. 2006 – يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ‹‹ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى پارتىيە  – ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش  – باھالاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تۈزدى. 2006 – يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 2007 – يىلى 7 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە ۋىلايەت، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى تەكشۈرگەندە، ‹‹يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى››نى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

    ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كادىرلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ‹‹كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىشلىتىش نىزامى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2005 – يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوملار، شۇنىڭدەك تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ‹‹كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىشلىتىش نىزامى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ‹‹كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىشلىتىش نىزامى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

    ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتتى. 2006 – ، 2007 – يىللىرى يەرلىك پارتكوم، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش مەزگىلىدە، كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مەنسەپ كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش، ئەمەل سېتىۋېلىش، ئەمەل سېتىش، ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈش، پارا بېرىپ سايلىنىش، كادىرلارنى زەربىدارلىق بىلەن ئۆستۈرۈشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى بېكىتتى. ‹‹12380››پاش قىلىش تېلېفونىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدا ئۇچۇر يوللاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدى.

    بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ئېنىقلاشنى مۇھىم خىزمەت، دەپ تۇتۇپ، ئامما پاش قىلغان ھەم كادىرلارنى تەكشۈرۈشتە ئىنكاس قىلىنغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسى بىلەن تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە كادىرلار ئىنتىزامىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋالى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى.

    كادىرلارنى تەكشۈرۈشتە دېموكراتىيىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. 2006 – يىلدىن 2007 – يىلغىچە، ئالتە ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم، يەتتە ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى تەكشۈرۈشتە،  9054كىشى دېموكراتىك كۆرسىتىش ۋە دېموكراتىك باھالاشقا قاتناشتى. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئىشلىتىش خىزمىتىدىكى ‹‹خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئىشلىتىش خىزمىتىدىكى دېموكراتىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئىشلىتىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

    پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، ئاشكارا تاللاش ۋە ئىشلىتىش نەتىجىسىدە بىر تۈركۈم كادىرلار بايقالدى ۋە زاپاسلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2005 – يىلى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك 17رەھبەرلىك ئورنىنى جەمئىيەتنىڭ ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشىگە سۇندى. ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ تەرتىپ ۋە ھالقىلىرىدا، دېموكراتىك كۆرسىتىش، ئاساسىي بىلىمىنى سىناش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك يۈزتۇرا ئىمتىھان ئارقىلىق نامزاتلار بېكىتىلىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ يۈزەكى قوبۇل قىلىش ھەم ‹‹ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش تىپى››دىكى كادىرلارنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ ھەم ساقلىنىلىپ، بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم  ھاسىل قىلىندى.  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ