|
ھەيۋەتلىك ‹‹چاڭگا››، چۈشكە ئوخشايدىغان ‹‹سۇ مولېكۇلىسى››... 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونى نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيىلىك تەنھەرىكەت مەيدان – سارايلىرىغا ئىگە قىلدى. بۇ نامايەندە مەنىسىگە ئىگە تەنھەرىكەت مەيدان – سارايلىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە ھېسسىياتى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇلار بىرلىكتە دۇنيا خەلقى ئالدىدا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
‹‹دۇنيادىكى ئەڭلەر›› قاتارىدىكى ئو ت م تەنھەرىكەت مەيدان – سارايلىرى
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئاساسىي تەنھەرىكەت مەيدانى دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانىنى كىشىلەر يېقىملىق قىلىپ ‹‹چاڭگا›› دەپ ئاتىۋالدى. 2008 – يىل 8 – ئاۋغۇست كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك نۇرلارنى چاچىدىغان ‹‹چاڭگا›› كىشىنى پەخىرلەندۈرگۈدەك دەرىجىدە ‹‹دۇنيادىكى ئەڭلەر››گە ئىگە: ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىشلەتكەن پولات ئەڭ كۆپ، تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار، قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ، قۇرۇلۇش قىلىش دەرىجىسى مىسلىسىز يۇقىرى بولغان پولات قۇرۇلمىلىق تەنھەرىكەت ئەسلىھەسى.
بېيجىڭ ‹‹چېڭجيەن›› گۇرۇھىنىڭ دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇلۇشى باش ھۆددىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى لى جيۇلىن مۇنداق دېدى: ‹‹چاڭگا››نىڭ پولات قۇرۇلمىسى دۇنيا بويىچە بىردىنبىر. ‹‹چاڭگا››دىن بۇرۇن، ئېلىمىز ئەزەلدىن بۇنىڭدەك چىڭ پولات ماتېرىيالى ئىشلەپ چىقىرىپ باقمىغان، ھەممىسىنى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلاتتى. ئېلىمىزنىڭ پولات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹چاڭگا›› قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان بېيجىڭ ‹‹چېڭجيەن›› گۇرۇھى ئېلىمىزدىكى پولات زاۋۇتلىرىنى Q460 چىڭ پولات تاختىسى ئىشلەشكە مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات خىراجىتى بىلەن قوللىدى. پۈتكۈل قۇرۇلۇشقا ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن پولات مىقدارى 110 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، چەت ئەلنىڭ پولات – تۆمۈرى قەتئىي ئىشلىتىلمىدى. ‹‹چاڭگا››نى سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىي ‹‹جۇڭگو ياسىغان››.
قۇياش نۇرى ئاستىدىكى كۆك رەڭلىك كۆپۈكچە ‹‹سو مولېكۇلىسى››مۇ ھازىر ئىككى تۈردە دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ: بىرى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ، ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى ئەڭ ئەتراپلىق قۇرۇلۇشتا پولىتېترافتوروئېتىلېن (ETFE) ئىچكى قۇراشتۇرۇش سىستېمىسىنى قوللانغان؛ يەنە بىرى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئۈزۈش سارىيى.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ھەر بىر ھالقىغا سىڭدۈرۈلگەن
‹‹بېيجىڭغا ئامەت›› ناملىق بىر قاتار مۇسابىقىلەردە ئالدى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن ئولىمپىك سۇ ئۈستى باغچىسى ئالاھىدە لايىھىلىنىشى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ۋە خەلقئارا مۇسابىقە كاتېرى بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئىلگىرىكى ئو ت م دە، قېيىق – قولۋاق مۇسابىقىسى بىلەن ئىتتىك ئېقىندا ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانلىرى دائىم يىراقتا بولاتتى. ئافېنا ئو ت م دىكى ئىككى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئارىلىقى 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. قېيىق – قولۋاق مۇسابىقە مەيدانى رايونى بىلەن ھەرىكەتچان سۇ مۇسابىقە رايونى ئىككى جايغا قۇرۇلغان بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە تەنھەرىكەتچىلەرگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ھەم قۇرۇلۇش تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان. ئەمما بېيجىڭدىكى ئولىمپىك سۇ ئۈستى باغچىسىدا، خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەيرانلىق بىلەن شۇنى كۆردىكى، ھەرىكەتچان سۇ رايونى بىلەن جىمجىت سۇ رايونى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر يەرگە قۇرۇلغان.
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ياندىشىپ تۇرىدىغان سۇ دائىرىسىدە، ئىتتىك ئېقىندا ئايلىنىش مەيدانى بىلەن قېيىق – قولۋاق مەيدانىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىنلا ئېقىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان جىمجىت سۇ رايونى بىلەن ھەرىكەتچان سۇ رايونىنى ئۆئارا تەسىر يەتكۈزمەسلىك دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى نۇرغۇن تەقلىدىي سىناق ۋە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىر مۇسابىقە رايونىنىڭ مۇۋاپىق ئورنى ۋە سۇ يولى يىرىك پىلانى ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.
‹‹سۇ مولېكۇلىسى›› كليونكا قۇرۇلمىلىق پۈتۈن يېپىق ئۆي ئىچى مۇسابىقە مەيدانى بولغاچقا، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈش مەسىلىسى تەبىئىيلا ھەل قىلغۇچ مەسىلە بولىدۇ. لايىھىلىگۈچى ‹‹سۇ مولېكۇلىسى››نىڭ ئۆگزىسىگە تەبىئىي شامال ئۆتكۈزگۈچ ئورۇنلاشتۇرغان، سەككىز تەبىئىي ھاۋا ئۆتۈشۈش ئېغىزى مەيدان ئىچى بىلەن سىرتنىڭ ھاۋا ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىمارەت ئىچىدىكى ئىسسىقلىقنى تېشىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، تەبىئىي ھاۋا ئالمىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇسابىقە مەيدانى ئىچىدىكى 17 مىڭ كىشىنىڭ مۇسابىقە كۆرۈش ۋاقتىدىكى سالقىنداش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
بېيجىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانىغا كىرسىڭىز، ئۇزۇنلۇقى 134 مېتىر كېلىدىغان رايوندا بىرمۇ تۆۋرۈك يوق، بۇمۇ ئولىمپىك تارىخىدا قارىغا ئېتىش مەيدانىنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋرۈك بولمىغان كەڭتاشا مۇھىتتا، شامالنىڭ يۆنىلىشى، شامالنىڭ تېزلىكى، كۆرۈش سېزىمى قاتارلىقلار تەنھەرىكەتچىلەرگە قىلچىمۇ تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.
ئو ت م ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇش
ئو ت م مەيدانلىرىدا جۇڭگو خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن، قۇرۇلما لايىھىسىدىن يېڭىچە ماتېرىياللارغىچە، قۇرۇلۇش سەنئىتىدىن سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگىچە بولغان ھەممە تەرەپتە بىر قاتار مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەيدانغا كەلدى. قەيسەرلىك بىلەن چوققىغا چىقىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئاساسلانغاندا، ‹‹چاڭگا››، ‹‹سۇ مولېكۇلىسى›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ئو ت م مەيدان – سارايلىرى ئاجايىپ لايىھىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى، شۇنداقلا ئولىمپىك تارىخىدا ناھايىتى ئېسىل مەنزىرە قالدۇرغۇسى.
دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ‹‹جۇڭزى›› قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى يې جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى ئۆلچەملەر، يېڭى ھۈنەر – سەنئەتلەر ئولىمپىك قۇرۇلۇشى قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق، كېيىن مۇشۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشلاردا پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|