|
2001 – يىلى 13 – ئىيۇل، موسكۋا. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008 – يىلى ئو ت م ئۆتكۈزىدىغان شەھەرنى بېلەت تاشلاپ قارار قىلىشتىن بۇرۇن، ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچى شەھەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانىدا، خې جېنلياڭ بېلەت تاشلاش ئالدىدا تۇرغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرىغا ھاياجانلانغان ھالدا: بۈگۈن سىلەر قانداق تاللىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ. ئەمما پەقەت بىر خىل تاللاشلا تارىخنى يارىتالايدۇ. ئەگەر سىلەر 2008 – يىللىق ئو ت م ئۆتكۈزۈش شەرىپىنى بېيجىڭغا بەرسەڭلار... يەتتە يىلدىن كېيىن، بېيجىڭ بۈگۈنكى قارارىڭلاردىن سىلەرنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ! دېگەنىدى.
ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش
جۇڭگو خەلقى ۋەدىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىدۇ! 2001 – يىلى يانۋاردا، شۇ ۋاقىتتىكى بېيجىڭ ئو ت م غا ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېيجىڭنىڭ ‹‹ئىلتىماس قىلىش دوكلاتى››نى سۇندى. ‹‹دوكلات››تا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشى ئۈمىد قىلىندى. ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان شۇ كۈنى، بېيجىڭ ئو ت م غا ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سامارانچ بىلەن ‹‹ئو ت م ئۆتكۈزۈش شەھىرى توختامى›› ئىمزالىدى، بۇنىڭدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن شەھەرگە قويغان تۈرلۈك تەلەپلىرى كۆرسىتىلگەن.
‹‹دوكلات›› ۋە ‹‹توختام››نى چەت ئەللىكلەر قىسقارتىپ ‹‹ۋەدە››، دەپ ئاتاشتى. بۇ بېيجىڭنىڭ ۋەدىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.
يەتتە يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ ۋەدىسىگە ماددىمۇ ماددا ئەمەل قىلىپ كەلدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، بەزى شەرتلەردىن باشقا ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلدى ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەل قىلدى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ئۆلچەمگە يېتىش بىر قەدەر تەس بولغان بەزى ۋەدىلەرگە ئو ت م باشلىنىشتىن بۇرۇن يېتىشكە ۋەدە بەردى، مەسىلەن: ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى.
خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ دىققەت قىلىدىغان، جۇڭگو خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، مۇسابىقە ۋە تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆلچەمگە يېتىپ بولدى:
قاتناش: ئايروپورتتىن شەھەر رايونىغا كىرىشكە يېرىم سائەت كەتمەيدۇ. ئو ت م مەزگىلىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تاق ۋە قوش نومۇرغا بۆلۈنۈپ يول يۈرۈش، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى پېچەتلەش، ئولىمپىك مەخسۇس يولى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، قاتناش تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىن مۇسابىقە مەيدانىغا يېرىم سائەتتىلا بارالايدۇ.
مۇھىت ئاسراش: يەتتە تۈرلۈك كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش كۆرسەتكۈچى ئۆلچەمگە يۈتكۈزۈلدى، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ۋاقىتلىق نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىلغاچقا، بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى ئو ت م مەزگىلىدە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.
مۇسابىقە مەيدانى: 37 ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش تاماملاندى ھەم سىناق قىلىندى، بېيجىڭدىكى 45 مەشىق مەيدانىدىمۇ قۇرۇلۇش تاماملاندى، ‹‹چاڭگا››، ‹‹سۇ مولېكۇلىسى›› قاتارلىقلار مەيدانلارنىڭ پەن – تېخنىكىلىقى يۇقىرى، ئىقتىدارى ئىلغار، شۇنداقلا سەۋىيىسى ۋە سۈپىتى ئەسلىدىكى ۋەدىسىدىن ئېشىپ كەتتى.
بازار ئېچىش: كۆزلەنگەن كىرىمدىن ئېشىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوغدىلىنىلدى.
ئولىمپىك كەنتى: تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت كۆچۈپ كىرىشكە بولىدۇ.
مەشئەلنى جۇمۇلاڭما چوققىسىدا يەتكۈزۈش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا يەتكۈزۈشتەك ئىنسانلار ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمان – سارايلارنىڭ سانى ۋە كارىۋات سانى پىلاندىن ئاشۇرۇلدى، مۇسابىقە بېلىتى باھاسى ئەسلىدىكى پىلاندىن تۆۋەنلىتىلدى، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلدى، ‹‹ئىس – تۈتەكسىز ئولىمپىك›› بېيجىڭدا يولغا قويۇلۇشقا باشلاندى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق قاتتىق، يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى تاماملاندى، مېيىپلەر ئو ت م غا كېرەكلىك مەخسۇس ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى نەقلەشتۈرۈلدى......
بۇ يىل 8 – ئىيۇل، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ ئو ت م سىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭنى بىر ھەپتە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋېربۇرۇگېن: سىز بېيجىڭدا ھاياجانلىنىش ۋە ئىنتىزار بولۇشنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز. بۇ شەھەرنىڭ تەييارلىق خىزمىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە پۈتۈنلەي تاماملىنىپ بولۇپتۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك مۇسابىقە مەيدانى، تەپسىلىي مۇسابىقە پىلانى كەلگۈسىدىكى مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالتۇن دەرىجىلىك ئۆلچەم ھازىرلاپ بېرىپتۇ، ئو ت م ئۆتكۈزمەكچى بولغان تەرەپ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ناھايىتى رازى، دېدى.
خىرىس
ئو ت م ئۆتكۈزۈش، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئەڭ كاتتا ۋە مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى دېيىلمەكتە، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بىر شەھەر، ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.
بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىلگىرى ئو ت م ئۆتكۈزگەن شەھەر ۋە دۆلەتلەر يەشمەكچى بولغان ئەڭ چوڭ مەسىلە. بېيجىڭ ئىلگىرىكى ئو ت م لارنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، بېيجىڭ ئو ت م غا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىخەتەرلىكنى قوغداش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى.
ئو ت م باشلىنىشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن، ئالاھىدە ساقچى قىسىمىنىڭ 75 ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن بېيجىڭ ئو ت م بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىللانغان قىسىمىغا ‹‹كۆك شەمشەر زەربىدار ئەترەت›› دەپ نام بېرىلدى.
ئۇلارنىڭ ئەترەت باشلىقى جۇ بىڭۋېن ئىلگىرى تەپمە بوكس دۇنيا چېمپىيونى ئىدى. ئۇ يەتتە يىل مەشىقلەندۈرگەن بۇ ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ ماھارىتى قالتىس بولۇپ كەتتى.
2003 – يىلى، ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ‹‹سارس›› يۇقۇمى بېيجىڭ ئو ت م غا تەييارلىق قىلىۋاتقاندىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خەۋپ، ئەمما بېيجىڭنىڭ ئو ت م غا تەييارلىق قىلىش قەدىمى توختاپ قالغىنى يوق. مۇسابىقە مەيدانىنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ھەم باھالاش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلىرىنى يۇقۇمنىڭ زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن، باھالاش يىغىنى خەينەندە ئۆتكۈزۈلدى، ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹سۇ مولېكۇلىسى›› دەپ ئاتالغان لايىھە بارلىققا كەلدى.
نامايان قىلىش
ئو ت م تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ كاتتا يىغىلىشى بولۇپلا قالماستىن، ساھىبخان دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى. ئو ت م غا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا خەلقىگە ئۆزىنىڭ 5000 يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، بېيجىڭ بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قەدىمكى پايتەخت قىياپىتىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىدۇ. مانا مۇشۇلارنى ياخشى قىلغاندىلا، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، بۇ شۇنداقلا بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان ۋەدىمىز.
2002 – يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسى كونىشەھەر رايونىدىكى ‹‹چاسا قورۇ››لارنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 132 جايدىكى مىڭدىن ئارتۇق ‹‹چاسا قورۇ››نى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن قورۇنى قوغداش، باھالاش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىن قوغدىلىدىغان قورۇ تىزىملىكىنى بېكىتتى. ھازىر، بېيجىڭ شەھىرىدە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ قوغدىلىۋاتقان ‹‹چاسا قورۇ›› 658گە يەتتى.
بېيجىڭ يازلىق ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م غا تەخمىنەن 100 مىڭ پىدائىي ئېھتىياجلىق، ئەمما تىزىملاتقان كىشى 1 مىليون 120 مىڭدىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ئو ت م ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولدى. تەشكىلىي كومىتېت ئامالسىز 11 تىزىملاتقۇچىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى.
ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا، مۇخبىر ئولىمپىك كەنتىدە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ميەنياڭ رايونىدىن كەلگەن تازىلىقچىلارنى كۆرگەن. ئۇلار كوچا چىراغلىرىنى سۈرتۈۋاتىدۇ، بەزىدە يۇرتىنىڭ شىۋىسىدە پاراڭلىشىپ قوياتتى. مۇخبىر شۇ جاينىڭ شىۋىسىدە: يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى تۇغقانلىرىڭلار قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟ دەپ سورىدى. ئارىسىدىكى بىر سىچۇەنلىك قىزچاق: ھېچقانداق مەسىلە يوق، ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ! ئۆيدىكىلەر بىزنى ئولىمپىك كەنتىدە خاتىرجەم ئىشلەڭلار، بېيجىڭ ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا يۇرتداشلارنىڭ ئارزۇسى دەپ تېلېفون قىلدى، دەپ جاۋاب بەردى.
جۇڭگونىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت دەرىجىسى ۋە خەلقنىڭ روھىي قىياپىتىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ نامايەندىسى. بېيجىڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەش ھەمكارلاشقۇچى شەھەر تەشەببۇس قىلىپ قانات يايدۇرغان ‹‹ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش›› پائالىيىتى ئۈچ يىل قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ‹‹ئۆچىرەتتە تۇرۇش كۈنى››، ‹‹ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئو ت م بىلەن ھەمنەپەس››، ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش ‹‹ئىناق مەھەللە لۇڭقىسى›› تىكتاك توپ مۇسابىقىسى قاتارلىق ئامما قاتناشقان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە نۇرغۇن كىشى قاتنىشىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئولىمپىك ئېڭى، ساغلاملىق ئېڭى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مۇسابىقە مەيدانىدا ۋارقىراش، خالىغان يەردە تاماكا چېكىش، ئۆچىرەتتە تۇرماسلىق قاتارلىق خەلقئارا قائىدە – يوسۇنغا ماس كەلمەيدىغان قالاق ئادەتلەر ئازلاشقا باشلىدى.
ئېچىۋېتىش
جۇڭگونىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ سىڭىشقانلىقى ھەم ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئېچىۋېتىش، خەلقئارا قائىدە ۋە ئولىمپىك قائىدىسىگە ئاساسەن ئو ت م ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ ۋەدىمىز، شۇنداقلا جەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى.
ئو ت م غا تەييارلىق قىلىش جەريانى جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇساپىسى. يەتتە يىل جەريانىدا، جۇڭگو WTO غا كىردى؛ چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتتى؛ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى تېخىمۇ ئاشكارا بولدى...... جۇڭگو چوڭ دۆلەت كەيپىياتى بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى.
كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتلىك دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى ‹‹چاڭگا››، ھەيۋەتلىك ‹‹سۇ مولېكۇلىسى›› ۋە زامانىۋى، كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان ‹‹بەش تۈپ قارىغاي›› ۋاسكىتبول مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك لايىھىلەش ئۇستىلىرى بىرلىشىپ ياسىغان ئېسىل قۇرۇلۇشلار. بېيجىڭ ئو ت م بەلگىسى، قۇت بۇيۇمى، تەنتەربىيە سىن بەلگىسى، مەشئەل قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈنۈش لايىھىسىمۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك نۇرغۇن سەنئەت ئۇستىلىرىنىڭ قان تەرى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ دۇنيا ھەمكارلىق ھەمراھى GE شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، GE داۋالاش جۇڭگو رايونىنىڭ باش لىدىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوكتور چېن جى بېيجىڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئاساستا ئو ت م ئۆتكۈزۈشىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: دۇنياغا يۈزلىنىشتە جۇڭگونىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى يوق بولۇپ، ئېچىۋېتىش پوزىتسىيىسى بويىچە دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىش قىلىش پوزىتسىيىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئېچىۋېتىش پسىخولوگىيىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش پسىخولوگىيىسىنى نامايان قىلدى.
يەتتە يىل بۇرۇن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭنى باھالاش دوكلاتىدا بىر جۈملە ئۆزگىچە ھەم ئەزەلدىن قوللىنىلىپ باقمىغان باھالاش سۆزى بار: بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشى، جۇڭگو ۋە دۇنيا تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە بىردىنبىر مىراس قالدۇرىدۇ. بۈگۈن، بېيجىڭ ۋە جۇڭگو يەتتە يىللىق سەمىمىيىتى، ئاقىلانىلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا بۇ ‹‹بىردىنبىر›› مىراسنى ئىپادىلەپ بەردى. بېيجىڭنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈشى بىز بۇ بىر ئەۋلادلارنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان روھىي ۋە ماددىي مىراسىمىز، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە پۈتكۈل دۇنياغا قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|