|
ساقچى دائىرىلىرى جىنايەت گۇماندارى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى300مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۈنمىڭ، 23 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. كۇنمىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كۇنمىڭدە يۈز بەرگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى پارتلىتىش دېلوسى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرنى ئېلان قىلدى: جىنايەت گۇماندارىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى بومبا قاچىلانغان قول سومكىسى كۆتۈرگەنلىكى دەلىللەندى، ساقچى دائىرىلىرى جىنايەت گۇماندارى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە بېرىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى 300 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى.
ئۇقتۇرۇشتا ئاممىدىن 21 – ئىيۇل سائەت 6دىن باشلاپ 7دىن 10مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر كۇنمىڭ مىنشەندىن يولغا چىقىپ تەنخۇا ئىبادەتخانىسىغا بارىدىغان، ئاندىن پەنجياۋەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىگە قايتىش مۇساپىسىدە 54 – يولنىڭ 云AS 2035 نومۇرلۇق ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغان يولۇچىلار؛ سائەت 6دىن 36مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ سائەت 8دىن 10مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر مىنشەندىن يولغا چىقىپ تەنخۇا ئىبادەتخانىسىغا بارىدىغان، ئاندىن غەربىي خەلق يولى بىلەن ئوتتۇرا چاڭيۈەن يولى كېسىشىدىغان جايغا قايتىش مۇساپىسىدە 54 – يولنىڭ 1822 云AS نومۇرلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغان يولۇچىلار شۇنىڭدەك يۈننەن ‹‹لوڭشېڭ›› گۇرۇھى يېشىل مەھسۇلات چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ‹‹لوڭشېڭ پۇئېر چېيى››نى قاچىلايدىغان سومكا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سومكا، ئورو بويۇم كۆتۈرۈپ 54 – يولنىڭ 云AS 2035 نومۇرلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغانلار ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى. ج خ ئورگانلىرى دېلو پاش قىلىشنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 300مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ ھەم مەلۇم قىلغۇچىلارنى قەتئىي مەخپىي تۇتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتتىن قارىغاندا، قول سومكىسى چاسا شەكىللىك بولۇپ جىگەر رەڭدە ئىكەن، سومكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ‹‹لوڭشېڭ پۇئېر چېيى››دېگەن خەت، سول تەرىپىدە يەلپۈگۈچ تۇتۇپ قارىغاي ئاستىدا تۇرغان جۇگې لياڭنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن.
كۇنمىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت 110غا تېلېفون قىلىشىنى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پائال ياردەم قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
22 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۇنمىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان مۇكاپات سوممىسى 100مىڭ يۈەن ئىدى.
|