|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئو ت م نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مەزگىلىدە بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتىدا 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى سائەت 19دىن 24 كىچە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشتەك ئو ت م نىڭ بىخەتەرلىكىنى ھاۋادىن قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بۈگۈن مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ تەدبىر جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى ئاۋىئاتسىيە خېرىدارلىرىغا رەسمىي ئېلان قىلىنغان. ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى توختىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تەسىرگە ئۇچرىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تېزدىن تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرالماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىدىكەن.
|