باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى››نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 07- 25 16:11 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىلمىي سوتسىيالىزم جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالغان 2008 – يىللىق ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى›› نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 22 – ئىيۇل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

    مۇھاكىمە يىغىنىغا 194 ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۇلدى، مەزمۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا كەسپىي نەزەرىيىۋى بايانلار ھەم پارتىيىنىڭ نەزەرىيە نەتىجىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر بار بولۇپ، جەمئىي 88 ئىلمىي ماقالە بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 ئىلمىي ماقالە 1 –، 2 –، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ساۋەن ناھىيىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي كافېدراسى قاتارلىق بەش ئورۇن ‹‹ئىلغار ئورۇن›› بولۇپ باھالاندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ