باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئېغىر قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
2008- 07- 24 16:34 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 23 –  ئىيۇل چۈشتىن ئىلگىرى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ھازىرقى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتىنى چوقۇم سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئىدىيىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيىدە قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، رەھبەرلىكنى قىلچە بوشاشتۇرماي، خىزمەتتە قىلچە بوشاڭلىق قىلماي، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جېڭىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ يىل سىجىل يۈز بەرگەن ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى زور زىيانغا ئۇچراتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان كۆلىمى 12 مىليون 200 مىڭ موغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆلىمى 6 مىليون 400 مىڭ موغا، ھوسۇل ئېلىنمىغان كۆلەم 1 مىليون 320 مىڭ موغا يەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى 280 مىليون موغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پايدىلانغىلى بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمىنىڭ % 38 ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالتە قېتىم تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا پائال ئاتلىنىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلساق، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇدا قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شۇڭا ئۇزاققىچە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش يېتەكچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا ھەم ھازىرقى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان  تەدبىرلەرنى ياخشى تۇتۇش، ھەم بالدۇر پىلانلاپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، چەكلىمە، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قۇرغاقچىلىققا پاسسىپ تاقابىل تۇرىدىغان، تەبىئەتكە تايىنىپ جان باقىدىغان پايدىسىز ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە پۈتكۈل يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى  ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى تىزگىنلەشتە تېخىمۇ ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   نۇر بەكرى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قۇدۇق قېزىشقا ماس كېلىدىغان جايلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماشىنىلاشقان، توك قۇدۇق قۇرۇلۇشىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تېزلىتىش كېرەك. مەۋقەنى سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قويۇپ، سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش كېرەك. سۇ تېجەشكە ئائىت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋىي سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۇ تېجەش ۋە ئاگرونومىيىلىك سۇ تېجەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش ۋە نورمىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەم – خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چارۋىچىلىقتا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك. يەم – خەشەك زاپاس ساقلاش، توشۇشنى چىڭ تۇتۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، چارۋىلارنى قوتاندىن چىقىرىشنى تېزلىتىش، چارۋىلارنى قىش ۋە ئەتىيازدىن بىخەتەر چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇچرىغان زىياننىڭ ئورنىنى سىرتتىن تولۇقلاش كېرەك.

    نۇر بەكرى ئاخىرى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى تولىمۇ ئېغىر، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بويىچە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشىنى مەلۇم قىلدى.


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ