|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ جۈنلىن بىلەن سۆھبەت
مۇخبىرىمىز يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ جۈنلىننى زىيارەت قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر، خالىسانە خىزمەتچىلەر، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
‹‹نىجاتلىق ھەرىكىتى›› شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ
مۇخبىر: بۇ يىلدىن باشلاپ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن لى جياچېڭ فوند جەمئىيىتى بىرلىشىپ، مەملىكىتىمىزدە ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› نامرات ئائىلىلەردىكى توشقان كالپۇك بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى››نى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قاتنىشامدۇ؟ ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟
جۇ جۈنلىن: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ پىلاننى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇۋاتىدۇ، باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› نى يولغا قويۇش كونكرېت لايىھىسىمۇ بېسىپ تارقىتىلدى. ھازىر جايلار پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ.
نامرات ئائىلىلەر ۋە بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى توشقان كالپۇك تۇغۇلغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش غەيرىيلىكلەر بار، 18 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى››دە ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار بولىدۇ. نامرات ئائىلىلەردىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئەھۋالىغا قاراپ ئويلىشىشقا بولىدۇ. نامرات ئائىلە دېگىنىمىز: شەھەر ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەر؛ شۇ جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بېكىتكەن باشقا نامرات ئائىلىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› نى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي تەرتىپى:
1. نامرات ئائىلىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ ھەم ياردەمگە ئېرىشىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش جەدۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىغا سۇنىدۇ.
2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، سانىنى جەملىگەندىن كېيىن، ئاي بويىچە ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› تۈرى ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.
3. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسى ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› تۈرى ئىشخانىسىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى مەسئۇللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى بېكىتىدۇ.
4. ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى ئوپېراتسىيە ۋاقتىغا ئاساسەن ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ.
5. ئوپېراتسىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرىدۇ، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسى ئارقىلىق ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› تۈر ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە سۇنىدۇ.
ئالاھىدە ئەھۋالدا، نامرات ئائىلىلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە تۈر تور پونكىتى ئارقىلىق ‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى›› تۈر ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنسىمۇ بولىدۇ، لېكىن يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىدۇ.
‹‹نىجادلىق ھەرىكىتى››تۈرى ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ۋە ئەسلىگە كېلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش چىقىمىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ھەم ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ۋە ئۇنىڭ بىر قارىغۇچىسىنىڭ ياتاق، تاماق، قاتناش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى يېتىم بالىلارنى سالاھىيىتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن بېقىۋېلىشقا بولىدۇ
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يېتىم بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشى گېزىتخانىمىزغا تېلىفۇن بېرىپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئارقىلىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇ جۈنلىن: جەمئىيەتتىكى مېھرىبان ئائىلىلەر ۋە كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ۋېنچۇەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى سىچۇەنلىك <يېتىم بالىلار، ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار، مېيىپلەر> نى قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى تۈزدى. يېتىم بالىلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ:
بىرىنچى، تۇغقانلىرى ھامىي بولىدۇ. تۇغقانلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، يېتىم بالىلارنى ئالدى بىلەن ھامىيلىق ئىقتىدارى بار تۇغقانلىرى باقىدۇ. ئامالنىڭ بارىچە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ۋە ئۆز رايونىغا مايىللىشىش ئاساس قېلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئائىلىلەر بېقىۋېلىش. قانۇن بويىچە بېقىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامال بار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېتىم بالىلار قانۇن بويىچە ئائىلىلەرنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئائىلىلەرگە باقتۇرۇش. بېقىۋالىدىغانلار چىقمىغان يېتىم بالىلارنى ئائىلىلەرگە باقتۇرۇش ئارقىلىق، يېتىم بالىلار ئائىلىدە تەربىيىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈلىدۇ.
تۆتىنچى، ئائىلىلەر تەربىيىلەش. جەمئىيەتتىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېھرىبان ئائىلىلەر تاللىنىدۇ. ھەر بىر ئائىلە 3 – 5 يېتىم بالىنى تەربىيىلەپ، يېتىم بالىلارنى ئائىلە مۇھىتىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
بەشىنچى، مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش. يېتىم بالىلار شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئالدى بىلەن چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەرلەردىكى شارائىتى بىر قەدەر ياخشى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ياكى ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش خىزمىتىنىڭ قاچان باشلىنىشى يېتىم بالىلارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلىنىشىغا باغلىق. بىز يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش ئىستىكى بار كىشىلەرنىڭ قەلبىنى چۈشىنىمىز. يېتىم بالىلارنىڭ سالاھىيىتى تامامەن ئېنىقلانغاندىن كېيىن، بىز خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ خىزمەتنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرىمىز.
پىدائىي بولۇشنى خالايدىغانلار ئېھتىياجى بار ئورۇنلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشسە بولىدۇ
مۇخبىر: سانجى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن كىشى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ياشانغانلار ساناتورىيىسى، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ پىدائىي بولۇشنى خالايدىكەن، لېكىن قايسى يول ئارقىلىق بۇ خىزمەتنى قىلىشنى بىلەلمەيۋېتىپتۇ.
جۇ جۈنلىن: ھۆكۈمەت پىدائىيلارنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ، لېكىن ھازىر دۆلەت پىدائىي (يەنى خالىسانە خىزمەتچى) لەرنى باشقۇرۇش توغرىسىدا تېخى ئېنىق بەلگىلىمە چىقارمىدى، تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ بېكىتىلىشى، ئىجتىمائىي باھا سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇشقا ئائىت كونكرت مەشغۇلات چارىسى تېخى تۈزۈلمىدى. ياشانغانلار، يېتىملار، مېيىپ بالىلار قاتارلىق تۈرلۈك ئالاھىدە مۇلازىمەتنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ پىدائىيلارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىغا بولغان تەلىپى ئوخشاش ئەمەس، جايلار، ئورۇنلارنىڭ پىدائىيلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بۇ خىزمەت تۈرلۈك ئالاھىدە مۇلازىمەتنى تەلەپ قىلىدىغان ئوبيېكتلار ۋە جايلار، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا تەشكىللىك ئىشلىنىشى كېرەك. ھازىر پىدائىي بولۇشنى خالايدىغانلار ئېھتىياجى بار ئورۇنلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشسە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ بىردەك پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن، پىدائىيلىق خىزمىتىنى قىلسا بولىدۇ.
ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بولۇش كېرەك
مۇخبىر: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق فاڭ ئەپەندى: ھازىر ئىجتىمائىي خىزمەتچىلىك سالاھىيىتى كىنىشكىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ كىنىشكىنى قانداق ئالغىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىدى.
جۇ جۈنلىن: دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىز ياردەمچى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىجتىمائىي خىزمەتچىلىك كەسپىي سەۋىيىسىنى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشقا باشلىدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرچە ئالىي دەرىجىلىك ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنى باھالاش چارىسى يوق. ياردەمچى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىجتىمائىي خىزمەتچىلىككە ئىمتىھان بېرىش شەرتلىرىنىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر كۆپ، ئەگەر ئىمتىھان بېرىشنى خالايدىغانلار بولسا ‹‹شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى›› (www.xjmca.gow.cn) تورىنىڭ سىياسەت، قانۇن بەلگىلىمە سەھىپىسىدىن سۈرۈشتە قىلسا، ياكى ئۆز جايىدىكى كادىرلار، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتى تارقاتقان–24 ]2008[ نومۇرلۇق ھۆججەتنى كۆرسە بولىدۇ.
ئىجتىمائىي خىزمەتچىلىك كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولغانلار ئىمتىھان بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە سالاھىيىتىنى تەكشۈرتۈش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا قاتناشسا بولىدۇ. ئادەتتە ھەر يىلى ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى مۇناسىۋەتلىك ئىنىستىتوت، مەكتەپلەر ۋە تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىغا ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەربىيىلەش سىنىپى ئېچىشنى ھاۋالە قىلىدۇ، كونكرت تەربىيىلەش ئۇچۇرىنى ‹‹شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى›› تور پونكىتىدىن ئىگىلىسە بولىدۇ.
ئىجتىمائىي خىزمەتچى بىلەن خالىسانە خىزمەتچى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپتە پەرقلىنىدۇ: بىرىنچى، ئىجتىمائىي خىزمەتچى كەسىپلىشىش، ئۆلچەملىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، خالىسانە خىزمەتچى بولسا ئىختىيارىي، خالىسانە بولۇش، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە بولۇش، تەشكىللىك ئاساستا بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ ئىككىنچى، ئىجتىمائىي خىزمەتچى مائاش ئالىدۇ، خالىسانە خىزمەتچى بولسا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى خالىسانە تەقدىم قىلىدۇ، ئەمما ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي خىزمەتچىدە مەخسۇس بىلىم ۋە تېخنىكا بولۇشى كېرەك، خالىسانە خىزمەتچىگىمۇ مەخسۇس بىلىم ۋە تېخنىكا تەلىپى قويۇلىدۇ، لېكىن ئىجتىمائىي خىزمەتچىگە ئوخشاش يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ؛ تۆتىنچىدىن، ئىجتىمائىي خىزمەتچىدىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى ھازىرلاش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما خالىسانە خىزمەتچى كەسپىي سالاھىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، پەقەت ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ ھەممىسىنى خالىسانە خىزمەت دەپ قاراشقا بولىدۇ؛ بەشىنچىدىن، ئىجتىمائىي خىزمەت ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر شۇغۇللىنىۋاتقان مۇلازىمەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما خالىسانە خىزمەتنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئىجتىمائىي خىزمەتچىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدىن تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، بۇ باشقىلار ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن قىلىنغان خالىسانە پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك
مۇخبىر: چېن خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن ئاچقان بالىلار باغچىسى بار ئىكەن. ئۇ: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار ئاچقان ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇشىدا قانداق تەلەپلىرى بار؟ دەپ سورىدى.
جۇ جۈنلىن: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار ئاچقان تۈرلۈك ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇشىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەلەپ بار:
بىرىنچى، ‹‹كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلارنى تىزىمغا ئېلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى›› ۋە ‹‹كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلارنى تىزىمغا ئېلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قانۇن – بەلگىلىمە، قائىدە ۋە سىياسەتلەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار ئۆزىنىڭ پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ھەم ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ئاكتىپ تەشكىللىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار چوقۇم بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ تۆتىنچى، مالىيە باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى چىڭ ئورنىتىپ ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشى، سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ بەشىنچىدىن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم قىلىدىغان يىللىق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باھالاش پائالىيەتلىرى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ
مۇخبىر: ھازىر بەزى ساھە جەمئىيەتلىرى تۈرلۈك باھالاش، ئۆلچەمگە يېتىش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، كارخانىلاردىن بەلگىلىك ھەق ئېلىۋاتىدۇ، بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە جەمئىيەت ئەزالىرى قانداق پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك؟ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى باشقۇرۇشنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟
جۇ جۈنلىن: بازار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش داۋامىدا ساھە جەمئىيەتلىرى ئادىل، قانۇنلۇق، تەرتىپلىك رىقابەت ئېلىپ بارىدىغان بازار مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، ئاكتىپ ۋە مۇھىم سىلجىتىش رولىنى ئوينىدى. ئەمما بەزىدە باھالاش، تەقدىرلەش كۆپ بولۇپ كېتىشتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى جەمئىيەتلەر ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردە مۇكاپات تۈرلىرىنىڭ نامى ناھايىتى كۆپ، مۇكاپات سوممىسىنى توپلاش قالايمىقان بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كارخانىلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ زېھنىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، كارخانىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاتتى، شەكىل قوغلىشىش، قۇرۇق نامغا ئېتىبار بېرىشتەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.
كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، جەمئىيەتتىكى بەزى تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ باھالاش، ۋىۋىسكا تەقدىم قىلىش، تەقدىرلەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە يولۇققاندا، ئالدى بىلەن بۇ تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى، شۇنداقلا ئۇيۇشتۇرغان پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ساھە جەمئىيەتلىرى ئۆزىنىڭ قائىدە – بەلگىلىمىلىرىنىڭ دائىرىسىدە جەمئىيەت ئەزالىرىغا قارىتا باھالاش، ۋىۋىسكا تەقدىم قىلىش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرسا ھەق ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسا، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ قاتنىشىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلسىمۇ بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
|