|
ۋاڭ لېچۈەن لېي يۈلەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن 5 – تۈركۈمدىكى 47 كادىر ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېي يۈلەن باشچىلىقىدىكى ئۇزىتىش ئۆمىكىدىكىلەر 21 – ئىيۇل شىنجاڭغا كەلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن لېي يۈلەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ۋاڭ لېچۈەن كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، شەھەر – يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا تۆت تۈركۈم كادىر ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە تەرپلىشىگە ئېرىشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. يېڭىدىن ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا پائال قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ – شىنجاڭ ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لېي يۈلەن مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن 5 – تۈركۈمدىكى كادىرلار ئالدىنقى تۆت تۈركۈمدىكى كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى ۋە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭغا ئەقلىي ۋە ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن ئەتراپلىق ياردەم قىلىپ، مەركەزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خەن يۇڭ، بەي جىجيې، خۇ ۋېي، جىن نو كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن 5 – تۈركۈمدىكى كادىرلار ۋە ئۇزىتىش ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|