باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ قار لەيلىسى يەنە ئوغرىلىقچە كولانماقتا
2008- 07- 22 10:48 تەڭرىتاغ تورى

     

       17–ئىيۇل ، مەلۇم بىر تور بەتتە ‹‹يىغلاۋاتقان قار لەيلىسى›› ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان . ماقالىدە بىر نەچچە ساياھەتچىنىڭ بۇغدا تېغى ئېتىگىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ، ئۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئۇلارغا يېڭى قار لەيلىسى سېتىپ بەرگەنلىكى يېزىلغان ئىدى . ئۇلار شۇ كۈنى بىر نەچچە چارۋىچىنىڭ ئاتلىرىنى يېتىلەپ تاغدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى ، ھەر بىر ئاتقا ئارتىلغان خالتىلارغا نەچچە 10 كىلوگرام كېلىدىغان قار لەيلىسى قاچىلانغانلىقىنى يازغان . ساياھەتچىلەرنىڭ يۈزەكى مۆلچەرىچە ، ئۇلار ئۈزگەن قار لەيلىسى تەخمىنەن 3 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئىكەن . چارۋىچىلار ئۇلارغا بىر دانە قار لەيلىسىنى 5 يۈەندىن سېتىپ بەرگەن .

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇغدا چوققىسى تەڭرىتاغ قار لەيلىسى كۆپ ئۆسىدىغان رايون بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئادەملەرنىڭ ئەسەبىيلەرچە كولىشى نەتىجىسىدە قار لەيلىسى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان . بۇنىڭدىن باشقا ، يەر شارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىمۇ قار لەيلىسىنىڭ ئۆسۈشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋېتىپتۇ .  شىنجاڭ چىگرىسى ئىچىدە ئۆسىدىغان تەڭرىتاغ قار لەيلىسى 30 مىليون تۈپكىمۇ يەتمەيدىكەن . ھەر يىلى 5 مىليون تۈپتىن كۆپرەكى بازارغا كىرىدىكەن . نۆۋەتتە ، قار لەيلىسى دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .

                   

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ