|
‹‹شەھەر رەھبەرلىرى كۈندە يېنىمىزدا›› – بۇ ئاممىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئىجادىي ئىشلىگەنلىكىگە بەرگەن باھاسى. يېقىندا فۇكاڭ شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، بۇ يەردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدىم.
ئەرز قوبۇل قىلىش – كېلىشتۈرۈش مەركىزى 10 – ئىيۇن قۇرۇلۇپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىر زادى نەدە؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى سىر ئىشنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئىشلەشتە. ئىشنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئىشلەش ئاساسەن ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلەندى: بىرىنچىسى، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى، شەھەر باشلىقىنىڭ مەخسۇس لىنىيە تېلېفونى كۆپچىلىككە ئاشكارىلاندى؛ ئىككىنچىسى، ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرى كېچە – كۈندۈز دېمەي قوبۇل قىلىندى؛ ئۈچىنچىسى، ئامما ئەرز قىلغان مەسىلىلەر چەكلىك مۇددەتتە ھەل قىلىندى.
بۇ ئۈچ تەدبىر قارىماققا ئانچە مۇھىمدەك تۇرمىغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفونىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلاش ئەلرايىنى ئىگىلەش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ يۇقىرى رەھبەرنى ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى بىۋاسىتە ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان؛ ئەرزىيەتنى كېچە – كۈندۈز دېمەي قوبۇل قىلىش ئاممىۋى خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى نامايان قىلغان بولۇپ، ‹‹ئىشىكتىن كىرىش تەس، پوزىتسىيىسى ناچار، ئىش بېجىرىش قىيىن›› بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىنغان؛ ئەڭ مۇھىم تەدبىر مەسىلىنى چەكلىك مۇددەتتە ھەل قىلىش. ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشتىكى مەقسىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش، بۇ جەرياندا ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئىشنى ‹‹سۆرەش›› بولۇپ، ‹‹مەسىلە›› بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا ئىتتىرىلىپ، ئۇزاق ۋاقىتقىچە ھەل بولمىسا، كىشىنىڭ كۆڭلى قالىدۇ ئەلۋەتتە. بەزىلەرنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى شەكىلۋازلىق، دەپ ئاغرىنىشى بىكار ئەمەس.
ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي خىزمەت. پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەرزىيەت خىزمىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ، ئەلرايىنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئاممىنىڭ مەسىلە كۆرۈلگەندە پارتكوم، ھۆكۈمەتنى ئىزدىشىدە ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، ئەگەر مەسىلە ئۇزاققىچە ھەل قىلىنمىسا، ئەمەلىيەتتە پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى تولىمۇ ئېغىر.
ھازىر بىز جەمئىيەت تىپى ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، مەنپەئەت سۇبيېكتى كۆپ قۇتۇپلاشتى، ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر گىرەلەشتى، ئازراقلا دىققەت قىلىنمىسا، ئاممىۋى ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەرزىيەت خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسە، زىددىيەتنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىپ، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
فۇكاڭ شەھىرىنىڭ تەدبىرى كىشىلەرگە ئۈنۈملۈك يول كۆرسىتىپ بەردى، ھەر دەرىجىلىك ئەرزىيەت تارماقلىرى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلسىلا، ئەرزىيەت خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە يارىتالايدۇ، ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
|