|
يېقىندا، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ماي ۋە توك تېجەش خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ماي ۋە توك تېجەشنى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تېجەشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك.
بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىغا كېتىدىغان ماي سەرپىياتىنى% 20 ئازايتىشنى نىشان قىلىپ، ماي تېجەش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تارماق ۋە ئورۇنلار ماي سەرپىياتىنى %20 ئازايتىشنى قاتتىق كۆرسەتكۈچ قاتارىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىشنى كونترول قىلىشى لازىم. مەمۇرلار كاماندىروپكىغا چىقماقچى بولسا ئىمكانقەدەر ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇش؛ يېقىن يەرگە بارماقچى بولسا پىيادە بېرىش ياكى ۋېلىسىپىت مىنىپ بېرىش كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ماي تېجەشتە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ شتاتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىغا كېتىدىغان خىراجەت خام چوتىنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئەرزان، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلىتىش جەھەتتە باشلامچىلىق قىلىش، ئورۇنلارغا شتات ۋە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سەپلەپ بېرىش ۋە يېڭىلاپ بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، ھېيت – بايرام كۈنلىرىدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى پېچەتلەش تۈزۈمىنى چىڭىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى بەلگىلەنگەن نۇقتىلاردا ماي جىقلاش ۋە بىر ئاپتوموبىلغا بىر كارتا ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىغا كەتكەن خىراجەتلەرنى ستاتىستىكا قىلىپ مەلۇم قىلىش ۋە ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ماي تېجەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، خىزمەت رايونلىرىدا توكنى %5 تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تىزگىنلەش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يازدا ئىشخانا ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسى26 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىققا، قىشتا 20 گرادۇستىن يۇقىرى بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ھەر ھەپتىدە بىر كۈن توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ خىزمەت رايونى ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىدىكى چىراغلارنىڭ سانىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش؛ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدىن باشقا ۋاقىتلاردا بېزەكلىك مەنزىرە چىراغلارنى ياندۇرماسلىق، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ئۈسكۈنىلەرنى براك قىلىۋېتىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش كېرەك.
|