|
يېقىندا، مۇخبىرنىڭ 2008 – يىللىق مەملىكەتلىك ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان كىتاب نومۇرىنى تارقىتىش تۈزۈمى تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلىنىدىكەن. ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ كىتاب نامىنى توردا ئۆز نامى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، يىل ئاخىرىدا كىتاب نامىنى ئۆز نامى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى رەسمىي يولغا قويىدىكەن. شۇ چاغدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشرىياتلار تور ئارقىلىق 2009 – يىلى نەشر قىلماقچى بولغان كىتاب نومۇرلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالالايدىكەن.
كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىتاب نومۇرى شۇ كىتابنى چىقىرىشقا ئىجازەت ئېلىش گۇۋاھنامىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەشرىياتچىلىقتىكى مۇھىم بايلىق ھېسابلىنىدىكەن. بۇرۇن كىتاب نومۇرى نورما بويىچە بېرىلىپ، نەشرىياتلارنىڭ مۇھەررىرلەر سانى بويىچە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەچكە، قانچىلىك كىتاب بولسا شۇنچىلىك نەشرقىلالايدىغان نەشرىياتلاردا كىتاب نومۇرى يېتىشمەسلىك، كۆپ كىتاب نەشر قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان نەشرىياتلاردا كىتاب نومۇرى ئېشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلەتتى. بىر قىسىم نەشرىياتلار تېمىنى ساختا مەلۇم قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن كىتاب نومۇرى ئېلىۋېلىپ، ئارتۇقچە ئېلىۋالغان كىتاب نومۇرىنى پۇقراۋى كىتاب چىقىرىش شىركەتلىرىگە ساتاتتى. نەتىجىدە كىتاب نومۇرىنى ئىلتىماس قىلغاندا يوللىغان تېما بىلەن نەشر قىلىنغان كىتابلاردا زور پەرق كۆرۈلەتتى، بەزىدە ھەتتا تاللىغان تېمىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان كىتابلار نەشر قىلىناتتى. بىر قىسىم نەشرىياتلار كىتاب نومۇرىنى ئېلىۋېلىپ سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نۇسخا نومۇرىنى ئېلىپ – سېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، بۇ يىل يىل بېشىدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك نەشرىيات خىزمىتى يىغىنىدا ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭجې: ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېڭى ئۇسۇللارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىتاب نومۇرىنى توردا ئۆز نامى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ ياخشى كىتابلارنى كۆپرەك چىقىرىش تەلىپىنى قاندۇرۇپ، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرىنى ئېلىپ – سېتىش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك، دېدى.
|