|
يېقىندا، دۆلەت زېمىن – بايلىق مىنىستىرلىكى ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرگە تولۇقلىما بېرىشنى بالانس باشقۇرۇشنى چىڭىتىش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرگە ئۆلكە ئاتلاپ تولۇقلىما بەرمەسلىكنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تولۇقلىما بېرىشنى بالانس قىلىشنى چوقۇم شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) مەمۇرىي رايونى ئىچىدە چەكلەش، ئۆلكە دەرىجىلىك زېمىن – بايلىق تارماقلىرى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىش، تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقى ئاز رايونلاردا تېرىلغۇ يەرنى كۆپ ئىگىلەيدىغان غەيرىي يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى قىلىنماقچى بولغاندا چوقۇم تولۇق ئىلمىي دەلىللەش؛ تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقەتەن تولۇقلاپ بەرگىلى بولمىسا، ئۆلكە دەرىجىلىك زېمىن – بايلىق تارماقلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلكە ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىش؛ لېكىن چوقۇم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تولۇقلاپ بېرىلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەرگە ئوخشاش قىلىش كېرەك. شەھەر – يېزىلاردا قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى كۆپەيتىش بىلەن كېمەيتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوقۇم مىنىستىرلىك تەستىقلىغان نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىش ۋە مۇشۇ بويىچە قاتتىق كونترول قىلىش، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر) ئاتلايدىغان بىرلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى تەسىس قىلماسلىق، تۈر رايونىدىكى كونا مۇئەسسەسىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى تۈپەيلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى يېڭىدىن ئىگىلەنگەن يەرلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىش كېرەك.
|