باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىككى جاي ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان ئەلچىلەر
2008- 07- 21 11:03 شىنجاڭ گېزىتى

 ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا (4)

   ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى 52 قۇرۇلۇش تېخنىك خادىمى بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدە ئۈچ ئاي تەربىيىلەنگەن چاغدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەشتى.

   بۇ قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى 2006 – يىلى 11 – ئايدا شاڭخەيدە تەربىيىلەندى. بۇ تەربىيىلەش پائالىيىتىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن يەن تەشكىللىدى، ئۇ شاڭخەي شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن  شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر. جىن يەن ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن سېلىنىۋاتقان بىر قانچە ئىمارەتنى تەكشۈردى، ئۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا: ‹‹يەرلىكتىكى تېخنىكلار، تۈر دىرېكتورلىرىنى شاڭخەيگە ئاپىرىپ تەربىيىلەپ، ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر ئىكەن›› دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاڭخەي شەھىرىدىكى بەزى بىناكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەسئۇل تارماقلار مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى، نەتىجىدە بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش ئىشى ناھايىتى تېزلا روياپقا چىقتى.

   ئاقسۇ ‹‹سۇتېڭ›› قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شىفۇ مۇشۇ قېتىملىق تەربىيىلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلارنىڭ بىرى، ئۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە نۇرغۇن نەرسىنى ھېس قىلدى: 

    مەن ئادەتتە تەپسىلاتلارنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇش سىجىللىقى، بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. تەربىيىلىنىش داۋامىدا، شاڭخەيدىكى چوڭ – كىچىك ئىمارەتلەر سېلىنىۋاتقان نەق مەيداندا بارلىق قۇرۇلۇش ھالقىلىرىنىڭ ئۆلچەم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ تۈرلۈك مەشغۇلاتتا قىلچە بىخۇتلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. ‹‹يەر شارى›› پۇل مۇئامىلە مەركىزى ھازىر ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت، ئاشۇنداق چوڭ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان نەق مەيداندا ماتېرىياللار رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلۇپتۇ، ۋاقىتلىق راسلانغان سەينامۇ پاكىز سۈپۈرۈپ قويۇلىدىكەن. بۇ ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى، بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن بىخەتەرلىكى ئاشۇنداق كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئۇششاق ھالقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، كۆزگە ئىلمىغان ئىش چوڭ خاتالىق پەيدا قىلىدىكەن. تەربىيىلىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،  قۇرۇلۇش مەيدانىمىز ۋە قۇرۇلۇشنى تەشكىللەش ئىشلىرىمىزدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم.

   تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ ۋېي پوسكام ناھىيىسىدە مۇئاۋىن ھاكىم بولدى. ئۇ خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا پوسكام ناھىيىسىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، نۇرغۇن دېھقان بالىلىرى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەمگەك ماھارىتى بولمىغاچقا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ ۋېينىڭ كاللىسىغا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش خىيالى كەلدى. ئارقىدىن ئۇ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى ئالاقىلىشىشنى ئۈستىگە ئالدى، ئىككى يىل مابەينىدە 8000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى بېيجىڭ، تيەنجىن، سەندۇڭلاردىكى 22 كارخانىغا ئشقا تونۇشتۇردى. سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن بۇ ئىشلەمچىلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش بىلەن بىللە، ئەمگەك ماھارىتى ئىگىلىدى، بۇلتۇر 8 – ئايغا قەدەر پوسكام ناھىيىسىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 16 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

   جىن يەن، جاڭ ۋېيغا ئوخشاش شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىللە، ھەممىسى كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ، ئەسلىدىكى ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ياردەم بېرىۋاتقان جايغا مەبلەغ، ئۈسكۈنە، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدى، تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋە ھەمكارلىق تۈرى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى جاي ئارىسىدا ئەلچى بولدى.

   بېيجىڭ شەھىرىدىن 5 – تۈركۈمدە  شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر لى جىڭمىڭ پوسكام ناھىيىسىدە خېرىدار چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا ‹‹تۇڭرېن›› ياغاچچىلىقى بىلەن ‹‹خۇڭياڭ›› قەغەزچىلىكى پوسكامغا ماكانلاشتى، ئۇلار 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ئۇ تيەنجىندىكى بىر نېفىتنى گازغا ئايلاندۇرۇش كارخانىسى، خېبېيدىكى بىر موتسىكلىت قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى پوسكام باغچىلاشقان سانائەت رايونىغا ماكانلاشتۇرۇشقا كۈچىدى.

   شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا، خېنەن بىلەن شاڭخەي مەملىكىتىمىزدىكى 28 ئۆلكە گېزىتى ۋە 30 نەچچە ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ‹‹تارىمنى ئايلىنىپ زىيارەت قىلىش سەپىرى›› قاتارلىق چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، ‹‹خېنەن›› گېزىتى، ‹‹ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى››، ‹‹ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى››، ‹‹يېڭى ئاۋام كەچلىك گېزىتى›› ۋە شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئاقسۇنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، كەلگۈسى ئىستىقبالى، مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئائىت  200 پارچىدىن كۆپرەك خەۋەر تارقاتتى. ‹‹يېڭى ئاۋام كەچلىك گېزىتى›› نىڭ ئامېرىكا بېتىدە ئامېرىكا، كانادادىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا ئاقسۇ ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلۇپ، ئاقسۇنىڭ چەت ئەلدىكى تەسىرى كۈچەيتىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ