باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئىناقلىق سەھىپىسى يارىتايلى
2008- 07- 21 10:37 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 10–قۇرۇلتىيىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

   پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پارتىيە   17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان، بېيجىڭ ئو ت م نى ۋە جۇڭگو ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك  10 –  قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، مەملىكەت خەلقى بىرنىيەتتە ئىرادىدىن قورغان ھاسىل قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 10 –  قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

   ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇھىم مەزگىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك ئاياللار تەشكىلاتلىرى ئاياللار خىزمىتىنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. ئاپتونوم رايوندىكى ئاياللار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى سەپلەردە توختىماي ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

   ئاياللار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. ئاياللارنىڭ تەقدىرى باشتىن – ئاخىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئاياللار ئىشلىرى باشتىن – ئاخىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى بىلەن زىچ باغلانغان. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاياللار ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى، جەمئىيەتتىكى يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە سوتسىيالىستىك ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار تەشكىلاتلىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن ئاياللار خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتىكى باراۋەر ئورنى ۋە رولىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

   كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز يېڭى تارىخىي باش پەللىدە تۇرۇۋاتىمىز. دەۋر ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا شەرەپلىك ۋە مۇقەددەس بۇرچ يۈكلىدى، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ھەر مىللەت ئاچا – سىڭىللار، بىز جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئاياللارنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يارقىن سەھىپىسىنى يارىتايلى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ