|
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئۆي باھاسىنىڭ توختىماي ئۆسۈشىدەك ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە گەرچە باھا يۇقىرى بولۇش – سەل تەڭشىلىش ھالىتىدە بولسىمۇ، شېنجېندا ‹‹يېرىم يىلدا ئۆي باھاسى 400 مىڭ يۈەن چۈشۈپ كەتتى›› دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەر بەزى ئۆي ھايانكەشلىرىگە ئېغىر زەربە بولدى.
ئۆي – زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرى كەينى – كەينىدىن ئۆي باھاسىنى چۈشۈرمەكتە، بانكىلار ئۆي قەرز پۇلى ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىپ خېرىدار جەلپ قىلىشقا باشلىدى..... لېكىن بازاردا پۈتۈشۈش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن قاراپ بېقىش – كۈتۈپ تۇرۇش پوزىتسىيىسى ئەۋج ئالدى.
ئۆي بازىرىدىكى بۇ خىل ئەھۋال ئەقلىي يۈزلىنىشمۇ؟ ياكى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىزگىنلەشمۇ؟
ئۆرلەپ تۆۋەنلىمەستەك ھالەت ئاخىرلىشىشقا باشلىدى
2008 – يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئۆي بازىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر توختىماي ئۆرلەۋاتقان ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىشىگە تۈرتكە بولدى، ئۆي باھاسى تۆۋەنلەش – مىقدارى ئازىيىش ئەھۋالى ئۆي بازىرىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ ئۆي – زېمىن بازىرىدا باھا تەڭشىلىش مەزگىلىگە كىردى.
ئۆرلەش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 5 – ئايدا دۆلىتىمىزدىكى 70 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەردە يېڭى ئۆي ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما ئۆرلەش نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 0.6 ۋە% 1.5 پوئېنت تۆۋەنلىدى.
سېتىلىش كۆلىمى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، 40 نۇقتىلىق شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ پۈتۈشۈش كۆلىمى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 24.9،% 20.9 تۆۋەنلىدى. بۇ ئەھۋال شاڭخەي، بېيجىڭ، شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەرقىي رايوندىكى ئاساسلىق شەھەر ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى مەركىزىي شەھەرلەرگە مەركەزلەشتى.
سېتىشنى تېزلىتىش ئۇسۇللىرى يېڭىلىنىشقا باشلىدى. ‹‹ليەنجا›› ئۆي – زېمىن بازىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بېيجىڭدىكى ئۆيلىرى سېتىلىۋاتقان تۇرالغۇ ئىمارەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى% 70 تىن كۆپ تۈر ئەرزانلىتىپ سېتىلىۋېتىپتۇ، ئۆي ئېلېكتر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، نوپۇس سوۋغا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىنىۋېتىپتۇ. 1 – 2 مىليونلۇق ئۆي باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك ‹‹باھا چۈشۈرۈش›› تەدبىرى گەرچە ھېچقانچە ئىش بولمىسىمۇ، ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈش ئالامىتى كۈنسايىن گەۋدىلىنىۋاتىدۇ.
يەرنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. كرېدىتنى قىسىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يەر سودىسى بازىرى سۇسلىشىشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئۆي – زېمىن سودىگىرى يەرنى كۆپ سېتىۋېلىشنىڭ خېيىمخەتىرىنى تونۇشقا باشلىدى، شۇڭا مەملىكەت بويىچە نەچچە ئون قېتىملىق يەر سودىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، شيامېن شەھىرى ئون جايدىكى يەرنى ساتماقچى بولدى، لېكىن تۆت پارچە يەر سېتىلماي قالدى؛ شېنجېن يەر سودىسى مەركىزى باۋئەن ۋە لوڭگاڭدىكى كۆپ قېتىم بازارغا سېلىنىپ سېتىلماي قالغان، تۇرالغۇ سىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بەش پارچە يەرنى قايتا ساتماقچى بولدى، لېكىن تۆت پارچە يەر سېتىلمىدى، بىر پارچە يەر تۆۋەن باھادا سېتىلدى.
بانكا ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ خېرىدار جەلپ قىلدى. ئۆي بازىرىدا پۈتۈشۈش نىسبىتى تۆۋەن بولغاچقا، بانكا ئۆي قەرز پۇلىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشقا باشلىدى، بەزى بانكىلار مۇقىم ئۆي قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. گۇاڭدا بانكىسى بەش خىل مۇقىم قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولماقچى بولدى.
تۈرلۈك ئالامەتلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۆي باھاسى ئۆرلەۋېرىدىغان ئەھۋال ئاخىرلىشىشقا باشلىدى، جۇڭگونىڭ ئىدىتلاش مەزگىلىگە كىرگەن ئۆي بازىرىدا ئەقلىي يۈزلىنىش بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، بەزى شەھەرلەر قاراپ بېقىش ۋە ساقلاپ تۇرۇش پوزىتسىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆي بازىرىدىكى كۆپۈكنى سىقىپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن ئەقلىي خاراكتېرگە ئىگە ئۆي سېتىۋېلىش تەلىپى كۈچىيىشكە باشلىدى.
كۆپ تەرەپلىك تەڭشەش بىلەن بازار تەڭشەش بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلدى
ئۆي بازىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش بەزىلەرنى خۇش قىلسا، بەزىلەرنى قايغۇغا سالدى. ئۆي – زېمىن بازىرىدا بۇنداق ئۆزگىرىش بولۇشقا زادى نېمە سەۋەب بولدى؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت ئۆي – زېمىن كەسپىنى تەڭشەشكە دائىر ھەر تەرەپلىمە سىياسەت تۈزۈپ، ئۆي باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى چەكلىدى.
2007 – يىلى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى بىكار قالغان يەرلەرنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى، يەرنى بېسىۋالغان ئۆي – زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرى يەر پۇلىنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بولمىغىچە يەر خېتىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى بەلگىلىدى.
ھايانكەشلىك خاراكتېرىدىكى ئۆي سېتىۋېلىشنى توسۇش ئۈچۈن، مەركىزىي بانكا، بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينى سېتىۋالغانلارنىڭ دەسلەپتە تۆلەيدىغان پۇلنىڭ سوممىسىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى؛ ھەددىدىن كۆپ مەبلەغ سېلىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىر قاتار پۇل قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، يېرىم يىلدىن بۇيان، مەركىزىي بانكا ئۇدا بەش قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى % 17.5 كە يەتكۈزدى.
ئوتتۇراھال، تۆۋەن باھادىكى ئوتتۇراھال، كىچىك يۈرۈشلۈك تاۋار ئۆيلەرنى كۆپەيتىپ، تۇرالغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە ئائىت ‹‹قوش %70›› سىياسىتىنى (90 كۋادرات مېتىردىن كىچىك ئۆيلەر تۈر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70 تىن يۇقىرى بولۇش، تۇرالغۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ % 70 تىن كۆپرەكىنى ئوتتۇراھال، كىچىك يۈرۈشلۈك ئۆيلەرگە ئىشلىتىش) يولغا قويۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
گوۋۇيۈەن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش پىكرىنى چىقاردى، سابىق قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي سىياسىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى، مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق شەھەرلەردە تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي تۈزۈمى ئورنىتىلدى.
جۇڭگو ئۆي – زېمىن كەسپى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جۇڭيى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ سىياسەتلەرنىڭ پەيدىنپەي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، باھاغا چەك قويۇلىدىغان ئۆينى پىلانلىق تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قىسمەن ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى پەسەيتتى››.
گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بازار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رېن شىڭجۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆي باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قۇربىتىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن تەلەپ بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلەشتى، ھازىر ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ بازارنىڭ تەڭشىگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى››.
پاي چېكى بازىرىدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولدى، CPI ئۆستى، ماي باھاسى ئۆرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى قار – مۇز ئاپىتى، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىقلار، بازاردىكى تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارمۇ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى.
ئۆي بازىرىدىكى زور داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
مۇرەككەپ ئۆي بازىرى 2008 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭى سىگنال بەرگەندىن كېيىن، زادى قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ؟
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئۆي – زېمىن بازىرىدىكى پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى دەل بازارنىڭ ئاكتىپ تەڭشەش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ سىگنالى ئىكەن؛ تەڭشەشنىڭ زىيىنىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈش، ئۆي – زېمىن بازىرىنى قۇتقۇزۇشنى تەرغىب قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.
دۇنيا بويىچە ئۆي – زېمىن بازىرىدىكى باھانىڭ يۈزلىنىش سىزىقىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق بازارنىڭ بىر داۋالغۇش مەزگىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆي – زېمىن بازىرى پىشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە باھانىڭ دەۋرلىك داۋالغۇشى سىلىق بولىدۇ. ئۆي – زېمىن بازىرى يېڭىدىن جانلانغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ئۆي باھاسىنىڭ داۋالغۇش دەۋرىيلىكى قانچە قىسقا بولسا، باھانىڭ داۋالغۇشى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
ئۆي باھاسى يۇقىرىراق ئاز ساندىكى رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇرغۇن مۇتەخەسسىس: ‹‹ئۆي باھاسىنىڭ مۇۋاپىق تۆۋەنلىشىشى نورمال ئەھۋال. ئۆي بازىرىنىڭ ئەقلىي يۈزلىنىشكە قاراپ مېڭىش قەدىمىنىڭ قانچىلىك تېز بولىدىغانلىقى ئاساسلىقى ماكرو ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە باغلىق›› دەپ قارىدى.
1 – پەسىلدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى % 10.6 ئاشتى؛ شەھەر – بازاردىكى تۇراقلىق مۈلۈككە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا 400 نەچچە مىليون مەبلەغ سېلىندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن% 25.6 ئاشتى؛ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇدا بەش يىل مول ھوسۇل ئېلىندى...... ئومۇمەن ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇ شۈبھىسىزكى، ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ ئەقلىي يۈزلىنىشكە قاراپ مېڭىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزدە قىيىنچىلىق ۋە تۇراقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ تەسىرى بار، بۇ جۇڭگونىڭ ئۆي بازىرىنىڭ ئەقلىي يۈزلىنىشكە قاراپ مېڭىشىغا خىرىس قىلىۋاتىدۇ.
ئۆتكەن يىللاردىكى ئۆي بازىرىنى تەڭشەش جەريانىدىن قارىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت، بانكا، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كۈچلۈك ئىقتىسادىي مەنپەئەت توپلىرىنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەر خىل باھانىدىكى بازارنى يۆلەش قىلمىشى ئۆي بازىرىنى مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ – خەتەرگە دۇچار قىلىدۇ.
2008 – يىلىغا كىرگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇلى كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە ياۋروپا – ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئۆينىڭ باھاسى چۈشتى، قىسمەن كاپىتال يېڭى سېلىنما رايونى ۋە يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئو ت م، دۇنيا يەرمەنكىسى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئېشىپ، چەت ئەل كاپىتالى كىرىپ پايدا بېرىشكە باشلىدى، بۇ ئەسلىدىلا تىنچ بولمىغان ئۆي بازىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭىدىن يەنە مۇرەككەپلىك ئاتا قىلدى.
ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى ئۆي – زېمىن كەسپىدىكى مەسىلىلا ئەمەس، ئۇ يۇقىرىدا نەچچە يۈز مىليون يۈەنلىك سودا قەرز پۇلى ۋە شەخسىيلەر قەرز پۇلىغا چېتىلىدۇ، تۆۋەندە نەچچە ئون ساھەگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئارىلىقىغا يەنە سان – ساناقسىز ئائىلىلەر قىسىلىپ قالدى. بۇ تېزلىكى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ‹‹شۈكلەندۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى›› نىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۆي بازىرىنى تەڭشەشتە بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ‹‹تەدرىجىي داۋالاش ئۇسۇلى›› نى قوللىنىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹تەڭشەش سىگنالىنى توختاتماي بېرىپ تۇرۇش ئارقىلىق بازار كۆزلىمىسىگە ئارىلىشىپ، تۆۋەن ئىجارىلىك، ئەرزان – قۇلاي، چەكلىمە باھالىق ئۆي، ئوتتۇراھال – كىچىك يۈرۈشلۈك باھاسى ئوتتۇراھال ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەمىنلەش – تەلەپ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۆي قەرز پۇلىنى قىسىپ، بانكىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك›› دەپ مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تىرەك كەسىپلەرنىڭ رولىنىڭ كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي – زېمىن كەسپىدە ئەقلىي يۈزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ساھەنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېتىبار بېرىلگەندىن باشقا، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېتىبار بېرىلىدىغان بولدى، شۇڭا ئۆي بازىرىدا زور داۋالغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىكى بىر مۇھىم نىشان بولۇپ قالدى. 2008 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۆي بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىگە نەزەر سالساق، ئەمدى كىشىلەر ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ ئىقتىسادىي ئىشلار بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى قاتارلىق تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئويلىشى زۆرۈر. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆي بازىرىدا كۆپ يىلدىن بېرى يىغىلىپ قالغان كۆپۈكنى سىقىپ چىقىرىپ، ساغلام ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ساقلاش – جۇڭگونىڭ ئۆي – زېمىن بازىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|