باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جۇڭنەنخەيدىن ئۇرغۇغان چىن مۇھەببەت
2008- 07- 18 12:04 شىنجاڭ گېزىتى

 ––––خۇجىنتاۋنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن روسىيىگە بېرىپ داۋالىنىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرىنى يوقلىغانلىقى توغرىسىدا

   16 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئىككى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى جۇڭنەنخەيگە كىردى. ئاپتوبۇستا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان سىچۇەن، گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىرىدىن روسىيىگە بېرىپ داۋالىنىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بار بولۇپ، ئۇلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەكلىپ قىلغان كىچىك مېھمانلار ئىدى.

   ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى شۇنداقلا ئاپەت رايونىدىكى بالىلارنى غەمگە مۇپتىلا قىلدى، بەزى بالىلار يارىلاندى، بەزىلىرى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ يېتىم بولۇپ قالدى... باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئاپەت رايونىدىكى بالىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاپەت رايونىنى ھەر قېتىم تەكشۈرگەندە بالىلارنى مەخسۇس يوقلىدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن بالىلارنى داۋالاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

   روسىيە ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېلىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى روسىيىگە كېلىپ داۋالىنىشقا تەكلىپ قىلدى. سەپەرگە چىقىش ھارپىسىدا، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ داۋالىنىش ئۆمىكىدىكى بەزى بالىلارنى جۇڭنەنخەيگە تەكلىپ قىلدى.

   مەنزىرىسى گۈزەل جۇڭنەنخەيدە بالىلار خۇشاللىقىنى زادىلا باسالمىدى. گۈل – چېچەكلەرگە پۈركەنگەن  چاھار باغ جىڭتەي، سۇ بىلەن ئورىلىپ تۇرغان پىڭلەي دەپ ئاتالغان يىڭتەيدە قىپقىزىل گالىستۇك تاقىۋالغان بالىلار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاچ توختىماي سوئال سورايتتى، بەزىلىرى تۆت – بەشتىن بولۇۋېلىپ سۈرەتكە چۈشەتتى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى.

   زېمىن ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۈمگەن بولۇپ، سەلكىن شامال چىقىپ تۇراتتى. سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ خىزمەت ئورنىدىن يىڭتەيگە كېلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان بالىلارنى يوقلىدى.

    ––– خۇ بوۋا،  ياخشىمۇ سىز!

   بالىلار باش شۇجىنى كۆرۈپلا چۇرقىرىشىپ كېتىشتى.

   خۇ جىنتاۋ بالىلارنى قۇچاقلاپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي ئەھۋاللاشتى.

   ––– قەيەردىن كەلدىڭىز؟  ئىسمىڭىز نېمە؟ نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟ بۇ قېتىم روسىيىگە بارىدىغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدىڭىزمۇ؟... بالىلار باش شۇجىنىڭ سوئاللىرىغا بەس – بەستە جاۋاب بېرىشەتتى.

   باش شۇجى سۆھبەت جەريانىدا بىر نەچچە بالىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەر بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە  چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغان بولساڭلارمۇ ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىڭلار بار. پارتىيە، ھۆكۈمەت تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىڭلارنى چوقۇم ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، سىلەرنىڭمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ساغلام، خۇشال – خورام چوڭ بولۇشۇڭلارغا ياردەم بېرىدۇ. سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئۆزۈڭلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، تىرىشىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشۇڭلارنى يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز››.

   خۇ جىنتاۋ بالىلار بىلەن بىرلىكتە كۆل بويىدىكى دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يول بىلەن يىڭشۈنتىڭنىڭ شىمالىغا كەلدى. بۇ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭچياڭ ناھىيىسى گۇاڭپىڭ بازىرى جىنشەنسى كەنتىدىن كەلگەن تولۇقسىز 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاۋ شاشا باش شۇجىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى.

   ––– خۇ بوۋا، مەن ئېسىڭىزدىمۇ؟ –– دەپ سورىدى كىچىك شاشا.

   ––– ئېسىمدە، 31 – ماي مەن سىلەرنىڭ كەنتتىكى ۋاقىتلىق دوختۇرخانىدا سىز بىلەن كۆرۈشكەن. شۇ چاغدا سىزگە ئاسما ئوكۇل ئۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاكىڭىزنىڭ دەرسلىك كىتابىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەنسىز، –– بۇ ئىش ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان، –– دېدى باش شۇجى كىچىك شاشانىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن.

   باش شۇجىنىڭ ئۆزىگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرگەن جاۋ شاشا بەكلا ھاياجانلاندى، ئۇنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

    ––– سالامەتلىكىڭىز تولۇق ئەسلىگە كەلدىمۇ؟ –– دەپ سورىدى باش شۇجى.

    ––– تولۇق ئەسلىگە كەلدى!

   خۇ جىنتاۋ جاۋ شاشانىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ مۇنداق دېدى:

   ––– داۋاملىق تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ يېتىشكەن ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ، كەلگۈسىدە گۈزەل غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ––– ماقۇل! –– جاۋ شاشا جاراڭلىق جاۋاب بەردى.

   بىر نەچچە بالا ئۆزلىرىنىڭ يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. خۇ جىنتاۋ ئۇلارنىڭ يارىسىغا تەپسىلىي قارىغاندىن كېيىن، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، سىلەرنىڭ تېخىمۇ غەيرەتلىك، تېخىمۇ قەيسەر بولىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.›› باش شۇجى بالىلارنىڭ ئازاب ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي پەيتىدە، ئاپەت رايونىدىكى نۇرغۇن بالىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى، بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە قولى بىلەن خارابىلىكنى كولاپ ساۋاقداشلىرىنى قۇتقۇزدى، بەزىلىرى كۆپ قېتىم سىنىپقا ئېتىلىپ كىرىپ ئاجىز ساۋاقداشلىرىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى... يولداش خۇ جىنتاۋ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا تەقدىرلەنگەن بىر قانچە ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ماختاپ مۇنداق دېدى: ‹‹يېشىڭلار كىچىك بولسىمۇ، ئاپەت ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئويلىماي باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ، ھەقىقەتەن قالتىس ئىش قىلدىڭلار. سىلەرنىڭ ئىش – پائالىيىتىڭلار مەملىكەت خەلقىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى››. باش شۇجى بالىلارنىڭ شەرەپنى ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، كەلگۈسىدە يۇرتىنى قۇرۇش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

   بالىلار يىڭشۈنتىڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇپىدا باش شۇجىنى ئورىۋېلىشتى. خۇ جىنتاۋ مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ‹‹ بۇ قېتىمقى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر زىيان سالدى، سىلەرگە نۇرغۇن ئازاب ئېلىپ كەلدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پەيتلىرىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە مەملىكەت خەلقى ئاپەت رايونىدىكى بالىلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى. سىلەرنىڭ بۇ كۆيۈنۈشلەرنى ئىلگىرىلىشىڭلارغا مەدەت بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىپ، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، بەدىنىڭلارنى چېنىقتۇرۇپ، ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلاپ، كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ خوجايىنلىرىدىن بولۇپ، ۋەتەنگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن››.

   خۇ جىنتاۋ روسىيىگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان بالىلارغا مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەرنىڭ جۇڭگو ۋە روسىيىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوبدان دەم ئېلىپ، ياخشى داۋالىنىپ، سالامەتلىكىڭلارنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈڭلارنى، بۇ قېتىمقى  تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ روسىيىلىك بالىلار بىلەن كۆپرەك دوستلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كىچىك ئەلچىلەردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن››.

   پائالىيەت مەيدانىدا خۇ جىنتاۋ روسىيىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى موركولوۋ بىلەن كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو خەلقى  كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەتەرلىك پەيتتە، روسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇندى، ھازىر يەنە جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلىرىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى روسىيىگە بېرىپ داۋالىنىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ روسىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ ھەقىقىي ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.›› خۇ جىنتاۋ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن روسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش –  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قىلغان خالىس ياردىمىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

   موركولوۋ مۇنداق دېدى: ‹‹روسىيە جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ، تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ پۈتتى، بالىلارنى چوقۇم ئەڭ ياخشى شارائىت ۋە ئەڭ قىزغىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.››

   خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن روسىيىدىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ سىجىل دوستلۇقىنىڭ ئۇل تېشى. روسىيىنىڭ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا بۇ قېتىمقى داۋالىنىش پائالىيىتىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 – ئىيۇل تېلېگراممىسى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ