|
ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاياللار – بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، نەتىجىلىرىگە نەزەرئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە ئاياللارنى تەشكىللەش، يېتەكلەش، ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئاياللار – بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، جەمئىيەت ئىشتىراك قىلىدىغان، تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرىدىغان ياخشى خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسەت، قانۇن – نىزام تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاياللار – بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى سىياسەت، ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاياللار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئاياللار – بالىلار تەرەققىيات پروگراممىسى›› نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئاۋۋال ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى. ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئون نەچچە سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتنى تۈزۈپ، ئاياللار – بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىگە 29 مىليون 860 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تەربىيىلەش، قاتناش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خىراجىتى ھەل قىلىپ بەردى؛ ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى قانات يايدۇرغان تۆت چوڭ پائالىيەتكە مەخسۇس خىراجەت ئاجراتتى؛ بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئاياللار – بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى قۇرۇشنى تەستىقلىدى ھەم 4 مىليون يۈەن رويخەتكە ئالدۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ بەردى.
شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.
يېزىلاردا، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاياللارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىنى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش›› پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 2 مىليون 200 مىڭ ئايال بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. يېزىلاردىكى ئارتۇقچە ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى 1 مىليون 140 مىڭ ئادەم (قېتىم) كۆپ يوللار بىلەن يۆتكىدى. شەھەر – بازارلاردا ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹ئايال تۆھپىكارلار›› پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، 430 مىڭ ئايالنى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەپ، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
ھوقۇقنى قوغداش فۇنكسىيىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاياللار – بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.
ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھوقۇق قوغداش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە 58 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە ۋىۋىسكا ئېسىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرى ئالاھىدە زاسېداتىللىققا تەكلىپ قىلىنغان ‹‹ئاياللار – بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش بىرلەشمە سوتى›› تۈزۈمىنى قانات يايدۇردى. ئاياللار – بالىلارنى ئائىلە زوراۋانلىقىدىن قوغداش ئورنى، ئائىلە زوراۋانلىقىنى ئەرز قىلىش پونكىتى قاتارلىق ھوقۇق قوغداش ئاپپاراتلىرىنى قۇردى.
ھەر مىللەت ئائىلىلىرى ۋە بالىلار خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى.
ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئائىلە خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئائىلە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ‹‹بەشتە ياخشى ئائىلە›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. %90 ئائىلە خاتىرجەم ئائىلە قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ‹‹قوش لاياقەتلىك بولۇش›› پائالىيىتى، كىچىك پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ ئالتۇن ئاچقۇچ تور ئائىلە باشلىقى مەكتىپى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى بەرپا قىلدى.
ئاياللارنىڭ دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئايال كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئايال پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە پائال ماسلاشتى. زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئايال ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە كىردى، 2007 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايال كادىر330 مىڭ 700گە يېتىپ، كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %49.16 ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلاردا ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى قۇرۇش، كەنت (مەھەللە) ئاياللار بىرلەشمىسى قۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.
ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز ستۇدېنتلار ستۇدېنتلار ئومۇمىي سانىنىڭ %52.6 ىنى ئىگىلىدى. قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە ئاياللارغا ئائىت پەن تۈرلىرى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەبلەغ سالغان ئاياللار – بالىلارنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات تېمىسى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش خىزمىتى باشلىنىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئالىي مەكتەپ، پارتىيە مەكتىپىنى بىر گەۋدە قىلغان ئاياللارغا ئائىت پەنلەر نەزەرىيىسى تەتقىقات سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەندى.
خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.
مەۋقەنى ئاياللار – بالىلار ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە قويۇپ، ھەرخىل تۈر مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1 مىليون 939 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئايال – بالىغا ياردەم بەردى. ‹‹ئانىلار ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش››قاتارلىق ئاياللار ساغلاملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى يولغا قويدى؛ ‹‹غۇنچە پىلانى››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 370 نەچچە ‹‹ غۇنچىلار سىنىپى›› ئاچتى؛ ‹‹مېھىر – مۇھەببەت شىنجاڭدا نامرات بالىلارغا ياردەم بېرىش›› ۋە ‹‹مەڭگۈلۈك مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى مىليونلىغان مېھرىبان ئانىنىڭ يېتىم، مېيىپ بالىلارغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش›› ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىدى.
ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىغا ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئاياللار خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، ئىككىدە بەسلىشىش›› پائالىيىتى ۋە ‹‹تۆت چوڭ قۇرۇلۇش››قا ‹‹سىياسىي ئۆگىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەسلىشىش›› ۋە ‹‹ئاياللارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى››، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ ‹‹قوش بەش›› ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ‹‹ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى›› ۋە ‹‹سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش›› دېگەن مەزمۇنلارنى قوشتى.
تەشۋىقات، تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى كېڭەيتتى.
ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ماركسىزملىق ئاياللار قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرى ئارىسىدا سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشى قاتارلىق تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ‹‹جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاياللارغا ئائىت 3000 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر ئېلان قىلدى، تەشۋىق قىلدى، ئاياللارغا ئائىت 20 نەچچە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، ئاياللار خىزمىتى تەشۋىقاتىدا ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.
|