|
بۈگۈن گېزىتىمىزگە بېرىلگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلايلى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹تەربىيە، تۈزۈم، نازارەتچىلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پروگراممىسى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى›› خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە خەۋەر قىلىنىپ، چىرىكلىكنى مەنبەدىن توسۇپ ۋە تۈزەپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئەستايىدىل خۇلاسىلەندى، بۇ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە پايدىلىق.
چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر. بۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتكۈل پارتىيىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. 2005 – يىلى 1 – ئايدا ‹‹تەربىيە، تۈزۈم، نازارەتچىلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پروگراممىسى›› نى تارقاتقاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا يەنە ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى تارقاتتى. بۇ مۇھىم ھۆججەتتە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپ مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەم ‹‹يولغا قويۇش پروگراممىسى›› نىڭ ئاساسىي روھى ۋە ئومۇمىي تەلىپىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، ھەم يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە، يېڭى ئەمەلىي تەجرىبىگە ئاساسەن، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەت قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۆتكەنكىنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىنى ئىگىلەش پارتىيىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىلمىي خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى. ‹‹يولغا قويۇش پروگراممىسى›› نى ئۈچ يىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون تەربىيە، تۈزۈم، نازارەتچىلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە يولغا قويۇش مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ، بىر قەدەر ياخشى ئاساس سالدى.
چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەممە تەرەپكە چېتىلىدۇ، مۇھىمى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا ئالدى بىلەن مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق، توغرا تونۇشى ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن بىللە ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىللە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىللە تەكشۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەشكىلىي ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتكومنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
باش بولۇپ تۇتۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان باشلامچى ئورۇن ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تارماقلار تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرىدىغان، ھەر قايسى ساھەدىكىلەر ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىدىغان، ئەتراپلىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، تەلىپى ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردا ئىلمىي، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بولۇشى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلى بولۇشى كېرەك. ئۇلار ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
|