|
مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› دېيىلىدۇ(نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
1. يېتەكچى ئىدىيە ، ئاساسىي تەلەپ ۋە خىزمەت نىشانى
(1) يېتەكچى ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە قوغداپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماھىيەتتىن تۈزەشكە، ئالدىنى ئېلىشقا، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ساھەسىنى كېڭەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش.
(2) ئاساسىي تەلەپ 1. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا سىڭدۈرۈپ، ھەم ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 2.چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىسلاھات روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش چارىسى ئۈستىدە يېڭىلىق يارىتىش تەسەۋۇرى بىلەن ئىزدىنىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەشنى يادرو قىلغان ھالدا ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مول ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك. 3. جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەربىيىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تۈزۈمنىڭ چەكلەش كۈچى، نازارەتنىڭ تىزگىنلەش كۈچى ۋە جازالاشنىڭ تەھدىت كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك. 4.شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى يېڭىلاپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
(3) خىزمەت نىشانى 2012 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالىدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئورنىتىپ، چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمى سىستېمىسى ۋە ھوقۇق ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، چىرىكلىكنى يەنىمۇ توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ رازىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.
2.چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
(1) رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك .1. غايە، ئېتىقاد ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىش، ماركسىزملىق دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى، توغرا ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشى، مەنپەئەت قارىشى ۋە سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك؛ پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر مۇھىم بايانلىرىنى، پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيىۋىلىك جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن – تۈزۈم قارىشى ۋە ئىنتىزام ئېڭىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 2.چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش كېرەك.
‹‹رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى( نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش بويىچە نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى باشلامچىلىق بىلەن پاكلىق جەھەتتە پارتىيە دەرسى سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى كادىر تەربىيىلەش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى ۋە باشقا كادىر تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ‹‹يېڭى دەۋردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش دەرسلىكى››نى ئاساسلىق سىنىپلارنىڭ نۇقتىلىق دەرسلىكى قىلىپ، دەرس سائىتى ئومۇمىي دەرس سائىتىنىڭ ئوندىن بىرىدىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قاتناشتۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش تەربىيىسى مەخسۇس كۇرسىنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قارار ئېچىش كېرەك. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيىلەش، كادىرلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنى تەربىيىلەشتە پاكلىق تەربىيىسى دەرسلىكى تەسىس قىلىش كېرەك. 3.پارتىيە ئىستىلى ۋە ئىنتىزامى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى مەخسۇس تەربىيىسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، پارتىيىۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە بولۇش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يىغىن، ھۆججەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، يىغىن ئىستىلى ۋە يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك.
(2) پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك .1.چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيىسىنى پۈتۈن پارتىيىنىڭ تەشۋىق – تەربىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيىسى خىزمىتىنىڭ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، تەشكىلات، كادىرلار، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاخبارات – نەشرىيات، رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىق – تەربىيىسىنى ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. 2 .‹‹پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان دائىملىق تەربىيىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈلگە تەربىيىسى بىلەن ئىبرەت تەربىيىسى، ئەنئەنىۋى تەربىيە شەكلى بىلەن زامانىۋى تەربىيە شەكلى، ئىنسانىي غەمخورلۇق بىلەن پسىخىك يېتەكچىلىكنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاپ، تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر يىلى ئاساسىي تېما تەربىيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 3.تەشۋىقات بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىقاتى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتلىرى، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش مەخسۇس ئىستونى، مەخسۇس پروگراممىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش نەزەرىيىسى، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، ئاساسىي تەجرىبىلىرى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرىنى، تىرىشچان، پاك، مۇنەۋۋەر ئىلغار تىپلارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تور مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور ئوبزورچىلىرى قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر تور تەشۋىقاتى ۋە قىزىق نۇقتا يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
(3) پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك ‹‹پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىكرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، كىشىلىك پەزىلەت تەربىيىسى ۋە قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسىگە بىرلەشتۈرۈپ خىلمۇ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك پاكلىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش، كەسىپتە پاك بولۇش تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى زامانىۋى يىراقتىن ئوقۇتۇش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش››، ‹‹يېزا، كەنتلەرنىڭ يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مۇسابىقىسى›› پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پاكلىق تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››گە ئاساسەن، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيىسى داۋامىدا پاكلىق تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياش – ئۆسمۈرلەر ئەخلاق تەربىيىسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى بېيىتىش كېرەك. ئائىلە ۋە مەھەللىلەردە ئائىلە پاكلىق ئىستىلى ۋە مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىش، ‹‹يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيىتى پائالىيىتى››گە بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پاكلىق مەدەنىيىتىدە ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر( قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىپ، ‹‹پاكلىق مەدەنىيىتى بويىچە نادىر ئەسەر قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، پاكلىق مەدەنىيىتى ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى يېڭىلاپ، ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پاكلىق ئىدىيىسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
3. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر قانۇن – نىزام ، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك
(1) پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .1.پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر كونكرېت تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك . تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى (سىناق نۇسخىسى(››غا ئاساسەن، پارتىيىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كومىتېت، دائىمىي كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيەت، ھوقۇق دائىرىسىنى ئىلمىي بېكىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كومىتېتنىڭ چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش ۋە مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئاۋازغا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، دائىمىي كومىتېتلىرىنى سەپلەش ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گۇرۇپپىسى خىزمەت نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2.پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ دائىملىق ۋەزىپە تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمى ۋاقىتلىق نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆزىتىش، تەكلىپ بېرىش، سوئال قويۇش، دېموكراتىك باھالاش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۆگىنىش، تەربىيىلىنىش ۋە سىناش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹پارتىيىنىڭ يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش، چوڭ – چوڭ تەدبىر بېكىتىشتە پىكىر ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى ۋاقىتلىق نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامزات كۆرسىتىش تۈزۈمى ۋە سايلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئەزالىرىنى بىۋاسىتە سايلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پىلانلىق، قەدەم – باسقۇچلۇق قانات يايدۇرۇش كېرەك. .3 پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىش ۋە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارغا پاكلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاكلىق ئارخىپىنى كومپيۇتېردا باشقۇرۇشنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزان (سىناق نۇسخىسى)›› ۋە ‹‹دۆلەت كارخانىسى رەھبەرلىرىنىڭ كەسىپتە پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(2) ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشنى جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك 2008 – يىلى ‹‹مەمۇرىي ئورگانلاردىكى خادىملارنىڭ مەمۇرىي سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىتلىق چارىسى››نى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ‹‹مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرىشىدە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشتا بولغان كومپارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ‹‹مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرىشىدە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشتا بولغان مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە››نى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز ئارا دېلو ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن – ئىنتىزام بويىچە دېلو بېجىرىش، دېلو بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە دائىر كونكرېت تۈزۈملەرنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(3) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىغا دائىر كونكرېت تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتكومغا ھەمكارلىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك؛ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››گە ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، سىناش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك؛ دۆلەت كارخانىلىرى، يېزا ئاساسىي قاتلىمى ۋە ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر يىلى شۇ يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىدىكى ۋەزىپىنى تەقسىملەش پىكرىنى تارقىتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى، ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيىلىك تارماقلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
(4) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر قانۇن – نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر قانۇن – نىزام، تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا دائىر قانۇن – نىزاملىرىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش پىكرى ۋە چارىسىنى تۈزۈش كېرەك.
4. نازارەت قىلىش، چەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك
(1) رەھبىرىي ئورگانلار، رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك 1. پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيىنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى، مەركەزنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيىنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قوغداپ، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەك بولۇپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن چوڭ – چوڭ ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى بىرىنچى سىياسىي ئۆلچەم ھەم ئىنتىزام تەلىپى قىلىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. 2. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر نەچچە پىكرى››، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى قاتارلىق بىر قاتار تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق چوڭ – چوڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە زىت قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 3. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇملۇققا چېتىدىلىغان مەسىلىلەر، مۇھىم كادىرلارنى كۆرسىتىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ۋە مۇكاپاتلاش، جازالاش جەھەتتە دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، پارتكوم ئومۇمىي يىغىنى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئىش قائىدىسى، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى ۋە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. 4. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇشىغا دائىر بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نەق پۇل، ئاكسىيە، تۆلەملىك دوكۇمېنت ئېلىش، بېرىش ۋە ھەدىيە پاي ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار سودا پائالىيىتىگە قول تىقىش، ۋەزىپە قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىچكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ پاي چېكى سودىسى قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىپ ساياھەت قىلىش، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىدىن پايدىلىنىپ پۇل – مال يىغىش، شۇنىڭدەك ئولتۇراق ئۆي جەھەتتە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىلىرى، پەرزەنتلىرى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا دائىر بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. 5. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنى دائىملىق تەكشۈرۈش ۋە قەرەللىك سىناش مېخانىزمىنى، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ۋە مۇھىم ئەھۋاللار توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش ۋە دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىن دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. 6. كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. 2010 – يىلى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنى ئىككىنچى قېتىم كۆزىتىش خىزمىتىنى تاماملاش ھەمدە ئۇنى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرگىچە كېڭەيتىش، ئاپتونوم رايونلۇق تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق تۈرلەرنى كۆزىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى تىك لىنىيە بويىچە باشقۇرۇلىدىغان تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنى كۆزىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلسا بولىدۇ. كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاشقا دائىر تۈزۈم ئورنىتىپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 7. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋاكالەتچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش چارىسىنى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋاكالەتچى ئاپپارات ئۆزى تۇرۇشلۇق تارماقنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرىنى نازارەت قىلىش، ئۆزى تۇرۇشلۇق تارماقنىڭ پارتگۇرۇپپىسى ۋە مەمۇرىي رەھبەرلىك بەنزىسىگە ھەمكارلىشىپ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. 2008 – يىلى ۋىلايەتلىك، (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق)، يېزىلىق (بازارلىق) ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
(2)مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك 1. كادىرلار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى›› ۋە ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەشتىن بۇرۇن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن پىكىر ئېلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش چىن بولماسلىق ۋە كادىرلارنى ‹‹چاتىقى تۇرۇپ ئۆستۈرۈش››نىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەل كويىدا قاتىراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش، ئەمەل سودىسى قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. 2. قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتى، تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلار قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيىلىك كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدىكى ئىش تەقسىماتىنى، ئۆز ئارا ماسلىشىشى ۋە بىر – بىرىنى چەكلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى – تاشقى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىك مەسىلىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش كېرەك. 3. مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››نىڭ يانداش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئىجازەت سۇبيېكتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىش بىلەن بېجىرىشنى ئايرىپ، تەرتىپنى ئاشكارىلاپ، توردا مەمۇرىي تەستىقلاش ۋە مەمۇرىي تەستىقلاشنى ئېلېكترونلۇق تەپتىش قىلىش سىستېمىسىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەمۇرىي جازا بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. 4. مالىيە مەبلىغى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تارماقلار خام چوتى، دۆلەت خەزىنىسى مەركەزلىك كىرىم – چىقىمى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى ۋە ‹‹كىرىم بىلەن چىقىمنى ئايرىۋېتىش›› توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، كىچىك خەزىنىلەرنى داۋاملىق مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش – ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. 5. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى ۋە ۋاكالەتچى نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى ھوقۇقى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ دۆلەت پاي ھوقۇقى سودىسى، چوڭ – چوڭ مەبلەغ سېلىش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنى قايتىدىن تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ۋەيران بولدى قاتارىغا چىقىرىش ۋە دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زور تەدبىر بەلگىلەش، چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، زور سوممىلىق مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرى ۋە مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى كوللېكتىپ قارار قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش كېرەك. 6. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تىزىملاپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئايرىپ، مالىيە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكى سالمىقىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سەمىمىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساھەلەرنىڭ تەلەپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 7. يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى، يېزىنىڭ كوللېكتىپ مەبلىغى، مۈلكى، بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 8. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قائىدە – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش ۋە مەكتەپ ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە، ئاساسىي قۇرۇلۇش، سېتىۋېلىش، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
(3) نازارەتچىلىك سۇبيېكتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك 1. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىك نىزامى (سىناق نۇسخىسى)››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تەپسىلىي قائىدىسى››نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبەرلەر قوش تەشكىلىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلەر ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش، خىزمەت ۋە پاكلىق مەلۇماتى بېرىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە پاكلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، خەت – ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، يەرلىك پارتكوم ئەزالىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى پارتىيە ئىچىدە سۈرۈشتۈرۈش ۋە سوئال قويۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىك فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ پارتكومغا ھەمكارلىشىپ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى بىلەن تەشكىلات تارمىقى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. 2. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك قانۇنى››نى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى››نى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك فۇنكسىيىسىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، مەمۇرىي ئورگانلار، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى قوللاش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆزدىن كۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىش كېرەك. 3. ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئورگىنىنىڭ نازارىتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىشنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىجراسى مەمۇرىي تەپتىشلىكى، پاكلىق مەمۇرىي تەپتىشلىكى ۋە ئۈنۈم مەمۇرىي تەپتىشلىكىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. نازىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تارماق، نۇقتىلىق تۈر، نۇقتىلىق مەبلەغنى ئىقتىسادىي تەپتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلىپ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە مۇكاپاتلاش – جازالاشتا ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جامائات خەۋپسىزلىكى، مالىيە، يەر، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق فۇنكسىيىلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشىنى قوللاش كېرەك. 4. ئەدلىيە نازارەتچىلىكىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى، سوت قىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى قوللاپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى قوللاپ، جىنايى ئىشلار سوتى، ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە مەمۇرىي دەۋا پائالىيەتلىرىدىكى قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. 5. سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ (ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى) نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى››نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، سىياسىي كېڭىشىشنى تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە كىرگۈزۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ قانۇن – نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشى، چوڭ – چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە پاكلىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشىنى قوللاش كېرەك. سىياسىي كېڭەش، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھتىكىلەر ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار تەكلىپلىك مەمۇرىي تەپتىش بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيىلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىش كېرەك.6. ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى››نى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇر ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي گۇۋاھلىق ئاڭلاش، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە جامائەتنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ زاۋۇت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى››نى تۈزۈپ، زاۋۇت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش چارىسى››نى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى دېموكراتىك باشقۇرۇش خىزمەت قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جامائەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىستىلى، ساھە ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەر ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت – پاش قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 7. جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ‹‹جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى توغرا قانات يايدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ‹‹ساھە قىزىق لىنىيىسى››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى لىنىيىسى›› قاتارلىق پروگراممىلارنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلمىي نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ۋە ئىجابىي نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. 8. نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى ھەم بىر – بىرىنى چەكلەيدىغان ھەم ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە ھوقۇق قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى ‹‹ئىجارىگە بېرىش›› پۇرسىتىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش كېرەك؛ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
5. تۈزۈلمە، مېخانىزم، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
(1) كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك، ئاشكارا بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەشنىڭ ئىلمىي مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كادىرلارنى تەيىنلەشكە كۆرسىتىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك كۆرسىتىش، دېموكراتىك باھالاشنى زۆرۈر تەرتىپ ۋە ئۇل ھالقا قىلىش كېرەك. تەيىنلەشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىش، ئاشكارا تاللاش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئىش ئورنىغا چىقىرىش، كۆپ نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈش تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش كېرەك. رەھبەرلەر ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، چەتلەپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ئىستېپا بېرىش، خىزمەتتىن چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرلار نورمال چېكىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كادىرلارنى سىناش – باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ۋىلايەت، (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبەرلىرىنى ئۇنىۋېرسال سىناش – باھالاش تەپسىلىي قائىدىسى››نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبەرلىرىنى ئۇنىۋېرسال سىناش – باھالاش چارىسى››نى پەيدىنپەي يولغا قويۇش كېرەك.
(2) ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەدلىيە خىزمەت ھوقۇقىنىڭ سەپلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋەنلىكى، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېلوغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئەركىن كېسىم قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سوت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، تەپتىش ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ساقچى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش كېرەك.
(3) مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ‹‹مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ۋاسىتىچىسى تەشكىلاتلىرىنى ئايرىشنى تېزلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت، مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە پاك ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك.
(4) ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ‹‹ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم›› سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەرلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلى، پارچە خىراجەتلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەھىيە ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئۈچ دەرىجىلىك سەھىيە مۇلازىمىتى تورى قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەھەللىلىرىدىكى سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش كېرەك. تۇرالغۇ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە يۈزلەنگەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان – قۇلاي ئۆي ۋە ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەرنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆي – زېمىن بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(5) مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك خام چوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خام چوت مەبلىغى تەقسىماتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خام چوت نورمىسىنى بەلگىلەش ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خام چوت تۈزۈشنىڭ ئېنىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەزىنىسىدىن مەركەزلىك كىرىم – چىقىم قىلىش ھەرىكەت مېخانىزمى، دۆلەت خەزىنىسى يەككە ئىسچوت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى دۆلەت خەزىنىسى ئىسچوت سىستېمىسى ئىچىدە يۈرۈشتۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، خام چوت ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹كىرىم – چىقىمنى ئايرىپ باشقۇرۇش›› تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش چارىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باجدىن باشقا بارلىق كىرىمنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت يېرىنى سېتىشتىن قىلىنغان كىرىمنى فوند خام چوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىستېمالى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشى كارتىسى تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك سەپلەش – باشقۇرۇش چارىسى ۋە سەپلەش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ، قوشۇمچە ھەق، ياردەم پۇلىنى داۋاملىق ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قېلىلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش – كەچۈرۈم قىلىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، باج بېجىرىشنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، باج باشقۇرغۇچىلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(6) پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى شىركەت ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چىقىم قىلىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئىسچوت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىسچوتىدا ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى ياخشىلاش كېرەك. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ساختا ئۇچۇر مەلۇم قىلىش ۋە بازارنى كونترول قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
(7) مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ‹‹كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى تەستىقلاش تۈزۈمى، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، چوڭ – چوڭ تۈرلەرنى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ۋە دەلىللەش تۈزۈمى، ئېلان قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان تۈرلەردە ۋاكالىتەن قۇرۇلۇش قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.
(8) دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دۆلەت كارخانىلىرىنى شىركەت تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى بويىچە ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، شىركەت تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خام چوتى تۈزۈمى، كارخانىنىڭ تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە كارخانىنىڭ زور تەدبىر بەلگىلەش سەۋەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالىنىڭ پاينى ئىگىلەش ۋە تىزگىنلەش ئورنى، يېتەكچى ئورنى، كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر مەبلەغ سېلىپ، پاي تۇتۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى قەتئىي تۈردە ئالاقىدار قانۇن – نىزام بويىچە ئېلىپ بېرىپ، كارخانىنى قايتا تەشكىللەش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدىكى قالدۇق مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۈنۈمنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش يانداشما تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ئۈنۈمىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.
(9) زامانىۋى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك 1. قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش قانۇن – نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سالاھىيەتنى ئالدىن تەكشۈرۈش، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى چىقىرىش، خېرىدار بولۇش، خېرىدارلىقنى باھالاش، بېكىتىش، شۇنىڭدەك خېرىدارلىقنى باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جازالاش چارىسىنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك. قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇشنى مەمۇرىي نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېلېكترونلاشقان خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى تەدرىجىي قۇرۇپ، ئۇچۇر بايلىقىنى ئاشكارىلاش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كېرەك. 2. يەر ئېلىش تۈزۈمى ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئېلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلىنغان يەرگە تۆلەم بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن ئېلىنغان يەرنىڭ چېقىش – كۆچۈرۈش تۆلىمى ئۆلچىمىنى تۈزۈش كېرەك. يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت خاراكتېرلىك يەرنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىش بەلگىلىمىسى›› نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يەرنى كېسىپ بېرىش ۋە كېلىشىپ سېتىش دائىرىسىنى پەيدىنپەي كىچىكلىتىش كېرەك. كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ھەقلىق سېتىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. 3. مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش قانۇن – نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىدا بازارغا كىرىپ سودىلىشىشىنى يولغا قويۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى پاي ھوقۇقى سودىسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ستاتىستىكىلاش، مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قوللىنىشچان ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، سودىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باھالىشىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ساھەلىرىنىڭ تەلەپچانلىق تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. 4. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ‹‹باشقۇرۇش بىلەن سېتىۋېلىشنى ئايرىۋېتىش››نى قاتتىق يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشنى ئېلېكترونلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىشتا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. 5. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹سەمىمىي شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر›› نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىناۋەت مۇلازىمىتى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، باھالاش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ بېكىتىش تۈزۈمىنى، ساھە ئىناۋەت خاتىرىسىنى، ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش ۋە ۋەدىسىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناۋەت ئۇچۇر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
6. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش كېرەك
(1) مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك مال باھاسى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش، يېمەكلىك، دورا سۈپىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يەر سېتىۋېلىش، چېقىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىياسەت – تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلماي، ئاممىنىڭ مۇھىت ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن جايلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن – نىزاملىرىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتكە دائىر ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ۋەقەنىڭ كەينىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق قىلمىشى ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەر سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش داۋامىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش مەسىلىلىرى ۋە قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش داۋامىدىكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
(2) ئىستىل تۈزىتىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ۋە نامراتلارنى يۆلەش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. جامائەت مۇلازىمىتى ساھەلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىستېمال ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم›› قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دوختۇرلۇق ئەخلاقى، دوختۇرلۇق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت باشلامچى، ئاپتونوم رايون بىرلىك قىلىنغان دورىنى توردا مەركەزلىك سېتىۋېلىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، تېببىي دورىلار ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى باھاسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سېلىقىغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا چېتىلىدىغان قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزەش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاجراتقان ياردەم پۇلنى تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ۋە قىسىپ قېلىش قاتارلىق دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دېھقان – چارۋىچىلار ۋە شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، بايرام، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى زىيادە كۆپ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى تۈزىتىش كېرەك.
(3) ساھە ناتوغرا ئىستىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹كىم ئاساسلىق باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش››، ‹‹ساھە باشقۇرغۇچى جەزمەن ساھە ئىستىلىنى باشقۇرۇش›› تا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىي ساھە ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى، ساھە ئىستىلى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ساھە ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاممىنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
7. چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك
(1) قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى، بولۇپمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدىكى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبەرلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈش، ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلىش ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرى، كادىرلار ھوقۇقى، ئەدلىيە ھوقۇقى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسىياسەتچىلىك قىلىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەلگىلىمىدىن چەتنەپ خېرىدار چاقىرىش، ساختا خېرىدار چاقىرىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆتۈنۈپ بېرىش، بۆلۈپ بېرىش دېلولىرى، قانۇنسىز يەر تەستىقلاپ بېرىش، يەرنى تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىش، ئۆي – زېمىن مۈلۈكچىلىكى تۈرلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاپ بېرىش ياكى پىلاننى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ پايدا ئېلىش دېلولىرى، كان تەكشۈرۈش، كان ئېچىش ھوقۇقىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاپ بېرىش، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىشقا قانۇنغا خىلاپ ھالدا پاي قوشۇش دېلولىرى، دۆلەت مۈلكىنى يوشۇرۇش، ئىگىلىۋېلىش، يۆتكىۋېتىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ‹‹سېرىق، قىمار، زەھەر›› قاتارلىق رەزىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە قارا كۈچلەر ‹‹كۈنلۈك›› بولۇپ بېرىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پارىخورلۇق دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارا ئېلىش قىلمىشىنىمۇ، پارا بېرىش قىلمىشىنىمۇ قاتتىق جازالاش كېرەك.
(2) سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ناتوغرا سودا قىلمىشىنى قەتئىي تۈزەپ، سودا پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇلۇش، يەر سېتىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، تېببىي دورا سودىسى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، بايلىق ئېچىش ۋە تىجارەت قاتارلىق ساھەلەردىكى سودا پارىخورلۇقى دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ‹‹سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەش مەخسۇس خىزمىتىدە بازار سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر›› ۋە سودا پارىخورلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا پىكىر››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. سودا پارىخورلۇقىغا دائىر جىنايەت ئارخىپىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناتوغرا سودا قىلمىشىنىڭ بار – يوقلۇقى بولۇپمۇ پارا بېرىش قىلمىشىنىڭ بار – يوقلۇقىنى بازارغا كىرگۈزۈش ۋە بازاردىن چېكىندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.
(3) قانۇن – ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك قانۇن – ئىنتىزام بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە دېلو بېجىرىش تەرتىپى بويىچە ئىش قىلىپ، ‹‹ئىككىدە تاپشۇرۇش›› قاتارلىق دېلو بېجىرىش تەدبىرىدىن بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە توغرا پايدىلىنىش كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، مەدەنىي دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پاكىت ئېنىق، ئىسپات تولۇق بولۇش، خاراكتېرى توغرا بېكىتىلگەن، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇش، رەسمىيىتى تولۇق، تەرتىپى قانۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەدلىيە ئورگانلىرى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەش، ھۆكۈم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت ۋە سودا پارىخورلۇقى جىنايىتىنى جازالىشى كېرەك. چېگرىدىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي رازۋېدكىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. پاش قىلغۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلارنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆھمەت چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خاتا ئەيىبلەنگەن، تۆھمەت قىلىنغانلارنى ئاقلاش كېرەك. دېلو بېجىرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دېلو بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنى ياخشىلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دېلو بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ چەك – چېگرىسىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، سىياسەت ۋە تاكتىكىنى توغرا ئىگىلەپ، قانۇن – ئىنتىزام ۋە مەمۇرىي، ئىقتىسادىي، تەشكىلىي جازا قاتارلىق ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، دېلو بېجىرىشنىڭ تېخنىكا تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، دېلو بېجىرىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(4) تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنى ماسلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، چوڭ، مۇھىم دېلولاردا ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە بېجىرىشنى كۈچەيتىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، سوت، تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەمۇرىي تەپتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق قانۇن – ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، رايون ئاتلاپ ھەمكارلىشىپ دېلو بېجىرىش ۋە قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېچىپ كەتكەنلەرنى تۇتۇش، ھارامنى قايتۇرۇۋېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
(5) تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دېلو بېجىرىشتىكى تۈپتىن تۈزەش فۇنكسىيىسىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دېلو بېجىرىشتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ئانالىز دوكلاتىدىن ئىبارەت ‹‹ئىككى دوكلات›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلودا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، دېلو كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئاسان يۈز بېرىدىغان ساھە ۋە ئورۇنلارنىڭ دېلو يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى تەھلىل، تەتقىق قىلىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم، تۈزۈم جەھەتتە ساقلانغان ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قائىدە – تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك. تىپىك دېلولاردىن پايدىلىنىپ ئىبرەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ سىياسىي ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، قانۇن – تۈزۈم ئۈنۈمىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
8. ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك
(1) رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرلىكتە تەكشۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالار خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە نىزامنامىسىدا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتكومغا ياردەملىشىپ مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىدىكى ۋەزىپىلەرنى پارچىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يولغا قويۇش لايىھىسى تۈزۈپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئاپپاراتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلار، ئورۇنلار ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەتنىڭ سىستېمىداش تارماقلىرى، ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
(2) زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى››دىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىدىكى ۋەزىپە بويىچە، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار زىممىسىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ كەسپىي خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەم ئىستراتېگىيىلىك پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھەم كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەم يىراق كەلگۈسىنى نىشانلاپ، ھەم يېقىنقى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قەدەم – باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىشى لازىم. باشلامچى ئورۇنلار ياردەملەشكۈچى ئورۇنلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئۇقۇشۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى يول، يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم.
(3) نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ، قاتتىق سىناش كېرەك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ھەر يىلى خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى لازىم. مەركەزنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تەكشۈرۈش، سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبەرلەرنى سىناش، باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش ۋە كادىرلارنى مۇكاپاتلاش، جازالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سىناشنى چىڭىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
|