|
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ زەھەر چەكلەش تارماقلىرى چېگرا مۇداپىئە، تاموژنا، ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈريول ج خ ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ ھەم مۇھىم دېلولارنى پاش قىلىپ، زەھەر ئېلىش – سېتىش شايكىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، زەھەر ۋە زەھەر ياسايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈردى؛ بىر تۈركۈم زەھەر ئېلىش – سېتىش گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى ۋە زەھەرگە ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ، زەھەر ئېلىش – سېتىشقا دائىر جىنايەتلەرنى بايقاش، رازۋېدكا قىلىش، دەلىل – ئسپاتقا ئېرىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
ئاپتونوم رايونلوق زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىز 2008 – يىلى پاش قىلىنغان زەھەر چەكلەشكە دائىر ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى:
1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ، 539 كىلوگرام نەشە، 3000 كىلوگرام يېرىم تەييارلانغان نەشە ھەم بىر تۈركۈم زەھەر ياساش ئەسۋابى ۋە بىر زەھەر يۆتكەش ئاپتوموبىلىنى قولغا چۈشۈرۈپ، يەتتە جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى ھەم ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك كىشىلەر كەندىر تېرىشقا، شىنجاڭدىن بارغان ئون كىشى نەشە پىششىقلاپ ئىشلەش – سېتىشقا مەسئۇل بولغان بىر زەھەر ياساش – سېتىش گۇرۇھىنى بىتچىت قىلدى.
1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسى چېڭدۇ – ئۈرۈمچى تۆمۈريول لىنىيىسىدە بەش ئاي جاپالىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق بىر زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى پاش قىلىپ، ۋاڭ كەي باشچىلىقىدىكى ئالتە جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 0.25 كىلوگرام كوكائىن، 1.5 كىلوگرام يېرىم تەييارلانغان كوكائىن، زەھەر ياساش ئەسۋابلىرى ھەم زەھەر خۇرۇچىنى قولغا چۈشۈردى.
1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش تارماقلىرى ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوللىشىدا دۆلەت ھالقىغان بىر زەھەر ئېلىش – سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئىلى ئوبلاستى، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە بېلىقىز باشچىلىقىدىكى 17 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، قىرغىزىستاندىن كىرگۈزۈلگەن 2.67 كىلوگرام خروئىن، 50 نەچچە مىڭ يۈەن زەھەر مەبلىغى، بىر زەھەر توشۇش ئاپتوموبىلىنى قولغا چۈشۈردى.
3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى نەنزىگو ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، سىچۇەن سۇينىڭدىن ئۈرۈمچىگە توشۇلما قىلىنغان يۈك ساندۇقىغا يوشۇرۇلغان 4.5 كىلوگرام كوكائىن، 0.1 كىلوگرام كرىستال زەھەر، 0.025 كىلوگرام گىلدىڭلاتقۇنى قولغا چۈشۈردى.
3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ئىدارىسى ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدە گىلەم قېتىغا زەھەر يوشۇرۇش پەۋقۇلئاددە زور دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئافغانىستانلىق جىنايەت گۇماندارى ئابدۇسەمەت قاتارلىق يەتتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، پاكىستاندىن ھاۋا يولى ئارقىلىق ئېلىپ كىرگەن، قېتىغا زەھەر يوشۇرۇلغان 100 گىلەم، 47.85 كىلوگرام خروئىننى قولغا چۈشۈردى.
3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىدىكىلەر ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىشىدا 15 ئاي جاپالىق كۈرەش قىلىپ، چەت ئەلدە ئېقىپ يۈرگەن ئۈچ زەھەر ئېلىش – سېتىش شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، ئابدۇكېرىم بەختىيار، روزى مەمەت قاتارلىق توققۇز جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى ھەم 365 گرام خروئىن، دېلوغا چېتىشلىق 22 بانكا كارتىسى، 15 يانفوننى قولغا چۈشۈردى؛ يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر شايكىنىڭ 50 نەچچە قېتىم زەھەر توشۇغانلىقى، 7000 گرامدىن كۆپ خروئىننى ئېلىپ – ساتقانلىقىنى، بۇ دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ 3 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىدەك جىنايى پاكىتنى ئېنىقلىدى.
4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىدىكىلەر ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن گۇاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ‹‹ئالتۇن ھىلال ئاي›› زەھەر تەشكىلاتى دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئافغانىستانلىق ئابدۇرېھىم باھاۋۇدۇن باشچىلىقىدىكى تۆت جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، گىلەم قېتىغا يوشۇرۇلغان توققۇز كىلوگرام خروئىننى قولغا چۈشۈردى.
4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مىچۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بىر ئاي تەكشۈرۈپ، جاڭ جىچياڭ باشچىلىقىدىكى نەشە ئېلىش – سېتىش شايكىسى ۋە ئۇلارنىڭ زەھەر يوشۇرۇش ئورنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تۆت جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، نەشىدىن 212.3 كىلوگرامنى قولغا چۈشۈردى.
4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كۈيتۈن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكىلەر ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۈچ ئاي رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى دۇ يوڭجۈن، رەن گۇاڭشىننىڭ ئۆيىدىن 0.45 كىلوگرام كرىستال زەھەر، 0.49 كىلوگرام كوكائىن، 2778 تال نەشە كۇمىلىچى، 16 تال گىلدىڭلاتقۇنى ئاختۇرۇپ تاپتى. بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى يەنە 2006 – يىلىدىن بۇيان كۈيتۈن شەھىرىدە كۆپ قېتىم زەھەر ئېلىش – سېتىش بىلەن شوغۇللانغانلىقىدەك جىنايى پاكىتنى ئىقرار قىلدى.
5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىدىكىلەر ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك سانائىتى دوختۇرخانىسى دەرۋازىسى ئالدىدا جىنايەت گۇماندارى خۇا فاڭ، چېن يىڭچېننى بىر پوچتا خالتىسى بىلەن تۇتۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ پوچتا خالتىسىغا 3.46 كىلوگرام كوكائىننى يوشۇرغانلىقىنى ئېنىقلىدى.
|