باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئولىمپىك پەن–تېخنىكا كۆرگەزمىسى 25–ئىيۇل شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2008- 07- 15 18:12 تەڭرىتاغ تورى

      29–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پەن–تېخنىكا كومىتېتى 25–ئىيۇلدىن 10– ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ پەن–تېخنىكا سارىيىدا ‹‹ پەن–تېخنىكا ئارقىلىق ئارزۇغا يېتىش ، ئىناق بولۇپ ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش›› ئاساسىي تېما قىلىنغان پەن–تېخنىكا ئولىمپىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ .
      ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى جۇڭگو پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن 29–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پەن–تېخنىكا كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان . كۆرگەزمىگە قويۇلغان 40 دانە بۇيۇم قاتلاممۇ–قاتلام تاللاشتىن ئۆتكەن بولۇپ ، ھەممىسى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلەر ئىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم ئەسەرلەر مول مەزمۇن ، جانلىق ، قىزىقارلىق شەكىللەر بىلەن ئولىمپىك روھىنى تەشۋىق قىلىپ ، ئولىمپىكقا  مۇناسىۋەتلىك پەن–تېخنىكا بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ . كۆرگەزمە يەنە ئىلغار ئۇسۇللار ئارقىلىق پەن–تېخنىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى قاتارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت سارايلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدا دۇنياۋى يۇقىرى تېخنىكا ئىشلىتىلگەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ .
      تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، كۆرگەزمە نەق مەيدانىغا يەنە بىلىم ۋە قىزىقتۇرۇش خاراكتىرىنى ئالغان تىكتاك–توپ ، پۇتبول ، سۇ ئۈزۈش ، مۇسابىقە كارتېرى ، قارىغا ئېلىش قاتارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرىدە بار بولغان تۈرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن .        

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ