|

14 – ئىيۇل ، بۇش پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا سۆز قىلماقتا
شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 14 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : 14 – ئىيۇل ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش يېقىن دېڭىزغا يېقىن نېفىتلىكنى قېزىشنى مەمۇرىي جەھەتتىن چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە پارلامېنتنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى شۇنداقلا خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋەت قىلدى .
ئامېرىكىنىڭ يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىتلىك ئېچىشنى چەكلەش بۇيرۇقىدىن ئىككىسى بار بولۇپ ، بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەمۇرىي جەھەتتىن چەكلەش بۇيرۇقى ، يەنە بىرى پارلامېنتنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەش بۇيرۇقى دىن ئىبارەت . بۇ ئىككى چەكلەش بۇيرۇقى بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا نېفىت شىركەتلىرى بۇ نېفىت رايونلىرىدىن نېفىت قازالايدىكەن .
بۇش پارلامېنتنىڭ بۇ خىل قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەش بۇيرۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ ، مۇنداق دېدى :ئامېرىكا خەلقى بىلەن مول نېفىت بايلىقى ئارىسىدىكى بىردىنبىر توسالغۇ ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ھەرىكىتى . ھازىر نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن ئامېرىكا خەلقى بەدەل تۆلەۋاتىدۇ .
دېموكراتىك پارلامنېت ئەزالىرى بۇشنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدىكى نېفىتلىكنى ئېچىپ ، مىقدارىنى كۆپەيتكەن تەقدىردىمۇ ، بۇ ھېچنىمىگە دالدا بولالمايدىكەن . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېفىت باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئىستىراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسىنى بازارغا سېلىشى زۆرۈركەن .
|