|
مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئېنىقلاش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ، ئۇلانما نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئىجازەتنى بېكىتىش ۋە يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، پۇقرالار ، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ، جامائەت مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن، ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› (گ ب [2007] 27– نومۇرلۇق)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايون تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ئىجازىتى تۈرىنى مەركەزلىك ئېنىقلاپ چىقتى. قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەش ئارقىلىق 9 – تۈركۈمدە ئۆزىگە قاراشلىق 13 تارماق تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان 50 مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى بېكىتىشنى (قوشۇمچە 1)؛ مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىدىن ئالتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى (قوشۇمچە 2)؛ مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىدىن تۆتنى تەڭشەشنى (قوشۇمچە 3)؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچنى باشقۇرۇش قاتلىمى دەرىجىسىگە بېرىشنى، بىرنىڭ يولغا قويۇش ئوبيېكتىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:
1. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇئەييەنلەشتۈرگەن مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى يولغا قويىدىغان ئورگانلار ‹‹مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››نىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەمۇرىي ئىجازەتكە دائىر ئىشلارنىڭ تۈرى، ئاساسى، شەرتى، سانى، تەرتىپى، قەرەلى، شۇنداقلا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بارلىق ماتېرىياللارنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە ئىلتىماسنامىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئىش سورۇنىدا ئاشكارىلىشى لازىم. ئاشكارىلىمىغان تۈرنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.
2. قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىدىن ھەق ئېلىشقا چېتىلىدىغانلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە ۋە تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار ‹‹مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››نىڭ 58 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەم ھەق ئالغۇچى ئورگان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىدۇ.
3. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى ھەرقانداق تارماقنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىشىغا، يولغا قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
4. قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويىدىغان تارماقلار ئىش بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىكايەت قىلىش، ئەرز قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
قوشۇمچە:
1. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 9 – تۈركۈمدە بېكىتكەن ئۆزىگە قاراشلىق تارماقلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى (50)
2. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى (ئالتە)
3. تەڭشەلگەن مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى (تۆت)
2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 9 – تۈركۈمدە بېكىتكەن ئۆزىگە قاراشلىق تارماقلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى (50)
1. تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى (بىر تۈر)
1) پاختا پىششىقلاش سالاھىيىتىنى بېكىتىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پاختا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى›› 470 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 3 – ماددا 1 – تارمىقى، ‹‹پاختا پىششىقلاش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە بازارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ 49 – نومۇرلۇق پەرمانى)نىڭ 3 – ماددا 3 – تارمىقى.
2. ئىقتىساد – سودا كومىتېتى (دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىشخانىسى) (ئىككى تۈر)
1) مەملىكەتلىك يىپەك توقۇلما كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىگە مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› (412 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 184 تۈرى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تەڭشەش توغرىسدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
2) ھوقۇق چېكى ئىچىدە پۇقرالار ئىشلىتىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پۇقرالار ئىشلىتىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› )466 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 19 – ماددىسى
3. نېفىت خىمىيە سانائىتى ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى (بىر تۈر)
1) تەۋەلىكىدىكى 2 – خىل نازارەت قىلىپ تىزگىنلىنىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئىشلىتىش ۋە تىجارەت قىلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹نازارەت قىلىپ تىزگىنلىنىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش نىزامى›› (190 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 13 – ماددىسى
4. سودا ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى (بىر تۈر)
1) ھاراق توپ سېتىش ئىجازىتى بېرىش
ئاساسى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ھاراق باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 5 – ، 17 – ماددىسى
5. مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) (بىر تۈر)
1) دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىدا چوڭ ئوچۇقچىلىقتا دىنىي ھەيكەللەرنى ياساشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (426 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 24 – ماددىسى
6. مالىيە نازارىتى (ئىككى تۈر)
1) ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش
ئاساسى: ‹‹ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قانۇنى››نىڭ 19 – ماددىسى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش چارىسى›› (13 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 4 – ماددىسى
2) جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلاردىكى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ باجدىن بۇرۇن سېلىنمىسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى››نىڭ 21 – ماددىسى
7. تاشقى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى نازارىتى (يەتتە تۈر)
1) ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىش چەكلەنگەن تېخنىكىلارنى ئىجازەت بېرىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹تېخنىكا ئىمپورت – ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (331 – نومۇرلۇق پەرمان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007] 33 – نومۇرلۇق)
2) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كېمىسىز ترانسپورت كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىكى 1990 – يىل 12 – دېكابىر ئېلان قىلغان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
3) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان بىناكارلىق كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىكى 1990 – يىل 12 – دېكابىر ئېلان قىلغان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
4) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان باسما كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىكى 1990 – يىل 12 – دېكابىر ئېلان قىلغان )، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
5) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش لايىھىلەش كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىكى 1990 – يىل 12 – دېكابىر ئېلان قىلغان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
6) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان يول ترانسپورت كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىكى 1990 – يىل 12 – دېكابىر ئېلان قىلغان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
7) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا كارخانىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، تاشقى ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىكى 1990 – يىل 12 – دېكابىر ئېلان قىلغان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
8. دېھقانچىلىق نازارىتى (بىر تۈر)
1) يېزا ئىگىلىكىدىكى گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئىجازىتى بېرىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكىدىكى گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (304 – نومۇرلۇق پەرمان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
9. ئورمانچىلىق نازارىتى (ئىككى تۈر)
1) ھوقۇق چېكى ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ 1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىش، سېتىش ۋە سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ياۋايى ئۆسۈملۈك، جانلىقلارنى قوغداش نىزامى››نىڭ 16 – ، 18 – ، 21 – ماددىسى
2) ئاپتونوم رايون سىرتىدىن ئاساسلىق ئورمان (ئۇرۇق) تۈرىنى كىرگۈزۈشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئۇرۇق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 13 – ماددىسى
10. سەھىيە نازارىتى (ئالتە تۈر)
1) داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەم ئىسپېرمىسى ئامبىرى قۇرۇشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› (412 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 202 – تۈرى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
2) رادىئوئاكتىپلىق دىئاگنوز قويۇش – داۋالاش ئىجازىتى بېرىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ بىلەن نۇر دەستىسى قۇرۇلمىسى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش نىزامى›› 449 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 8 – ماددىسى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹رادىئوئاكتىپلىق دىئاگنوز قويۇش – داۋالاشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى) 46 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 11 –، 15 – ماددىسى
3) داۋالاش ئېلانلىرىنى تەكشۈرۈش
ئاساسى: ‹‹ئېلان قانۇنى››نىڭ 15 – ، 24 – ماددىسى، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹داۋالاش ئېلانلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (26 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 3 – ماددىسى
4) تېز يۇقىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملىق باكتېرىيە (ۋىرۇس) تۈرى ياكى ئۇنىڭ ئەۋرىشكىسىنى توشۇش ئىجازىتى بېرىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو جانلىقلار تەجرىبىخانىسىدىكى جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (424 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 11 – ماددىسى
5) تەجرىبىخانا ئىلتىماس قىلغان ياكى قوبۇل قىلغان تېز يۇقىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملىق باكتېرىيىگە ئالاقىدار بولغان ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن پەن تەتقىقات تۈرىدىن ئىلگىرى جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملىق جانلىقلار تەجرىبىخانىسىدىكى جانلىق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› 424 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 22 – ماددىسى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدىغان تېز يۇقىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچ مىكرو ئورگانىزملىق جانلىقلار تەجرىبىخانىسى ۋە تەجرىبىخانا پائالىيىتىدىكى جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەستىقلاشنى باشقۇرۇش چارىسى›› (50 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 18 – ماددىسى
6) A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، شۇنداقلا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باكتېرىيە تۈرى، ۋىرۇس تۈرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تەكشۈرۈش – كۆزىتىش ئەۋرىشكىسىنى توپلاش، ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش ۋە ئىشلىتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››نىڭ 26 – ماددىسى
11. مەدەنىيەت نازارىتى (ئىككى تۈر)
1) جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى، ھەمكارلىقىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە ئىچكىرىدىكى شېرىك، ھەمكارلىق تىجارىتىدىكى ئويۇن قويۇش ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى، ئويۇن قويۇش سورۇنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› (439 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 11 – ماددا 3 – تارمىقى، 12 – ماددىسى
2) جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئۈن – سىن بۇيۇملىرى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى توپ سېتىش كەسپىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (341 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 35 – ماددىسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (28 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 11 – ماددىسى
12. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى (بەش تۈر)
1) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماگىزىنى ئېچىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق
2) مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 1 – دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› (377 – نومۇرلۇق پەرمان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
3) مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇننى سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› (412 – نومۇرلۇق پەرمان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
4) ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش نەق مەيدانلىرى توغرىسىدىكى مەخسۇس پروگرامما، بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان پروگرامما ئىشلەشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› 412 – نومۇرلۇق پەرمان)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2007]33 – نومۇرلۇق)
5) پەن تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىكى ئېچىۋېتىلمىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىغا كىرىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 19 – ماددىسى
13. يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى (19 تۈر)
1) ئىنتېرنېت تورىدا دورا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (292 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 4 –، 5 – ماددىسى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئىنتېرنېت تورىدىكى دورا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (9 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 5 – ماددىسى
2) دورىغا خېرىدار چاقىرىش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش
ئاساسى: ‹‹خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار چىقىش قانۇنى››نىڭ 14 – ماددا 1 – تارمىقى، ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ گوۋۇيۈەن تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ شەھەر – بازارلارنىڭ تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى تارقىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نىڭ 11 – ماددا 2 – تارمىقى، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹دورىغا خېرىدار چاقىرىش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى›› (د د ب ش [2008]36 – نومۇرلۇق)نىڭ 4 – ماددا 1 – تارمىقى
3) دورا توپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ۋاكسىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشقۇرۇش نىزامى›› (434 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 10 – ماددىسى
4) ھاۋالە بويىچە دورا ئىشلەپچىقىرىشنى ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹دورا باشقۇرۇش قانۇنى››نىڭ 13 – ماددىسى، دۆلەت يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ (دورا ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى) (14 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 28 – ، 29 – ماددىسى
5) 2 – تۈردىكى روھىي كېسەل دورا ياسالمىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 16 – ماددىسى
6) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان››نىڭ 24 – ماددىسى
7) مەملىكەت خاراكتېرلىك دورا توپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلىتىش سالاھىيىتى بار داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ناركوز دورىلىرى ۋە بىرىنچى تۈردىكى روھىي كېسەل دورىلىرى سېتىپ بېرىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 25 – ماددا 2 – تارمىقى
8) رايون خاراكتېرلىك دورا توپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن ناركوز دورىلىرى ۋە 1 – تۈردىكى روھىي كېسەل دورىلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 27 – ماددا 2 – تارمىقى
9) دورا ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا كارخانىلار كوففېئىن خام ماتېرىيالى سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 35 – ماددا 1 – تارمىقى
10) پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 35 – ماددا 2 – تارمىقى
11) ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك مەھسۇلاتى ۋە سېلىشتۇرما مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 35 – ماددا 3 – تارمىقى
12)داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرى ياسالمىسى ياسىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 43 – ماددىسى
13) ناركوز دورىلىرى ۋە 1 – تۈردىكى روھىي كېسەل دورىلىرىنى ھاۋالىلىك توشۇش ياكى ئۆزى توشۇشتىكى ترانسپورت گۇۋاھنامىسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (442 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 52 – ماددا 1 – تارمىقى
14) تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا تىجارىتى نۇقتىسىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى›› (23 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 5 – ماددىسى
15) پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە زەھەرلىك دورىلارنى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى›› (23 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 10 – ماددا 1 – تارمىقى
16) داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رادىئوئاكتىپلىق دورىلارنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹رادىئوئاكتىپلىق دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى›› (25 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 23 – ماددا 1 – تارمىقى
17) دورا توپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئاقسىل ئاسسىمىلياتسىيە ياسالمىسى ۋە پېپتىد تۈرىدىكى ھورمۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹روھلاندۇرغۇچى دورىغا قارشى تۇرۇش نىزامى›› 398 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 9 – ماددا 1 – تارمىقى
18) ئاقسىل ئاسسىمىلياتسىيە ياسالمىسى ۋە پېپتىد تۈرىدىكى ھورمۇن ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹روھلاندۇرغۇچى دورىغا قارشى تۇرۇش نىزامى›› (398 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 12 – ماددىسى
19) 1 – تۈرلۈك دورا تۈرىدىكى ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئاسان زەھەر ياسايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇملارنى باشقۇرۇش نىزامى›› 445 – پەرمان)نىڭ 15 – ماددا 1 –، 2 – تارمىقى
ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى (ئالتە)
1. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى (بىر تۈر)
1) پىلانلىق تۇغۇت ستاتىستىكىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2008]33 – نومۇرلۇق)نىڭ 38 – تۈرى
2. يەرلىك باج ئىدارىسى (بىر تۈر)
1) كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىدىكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈسكۈنىلەر سېلىنمىسىنى كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن كۆتۈرۈۋېتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2008]نومۇرلۇق)نىڭ 48 – تۈرى
3. يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى (ئىككى تۈر)
1) كوففېئىن ۋە خلورامىن كېتون خام ماتېرىيال دورىسى سېتىۋېلىش گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2008]نومۇرلۇق)نىڭ94 – تۈرى
2) ئېفېدرىن تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ۋە يەككە رېتسېپلىق ياسالما ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2008]33 – نومۇرلۇق)نىڭ 95 – تۈرى
4. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى (ئىككى تۈر)
1) قەدىمىي ئىمارەتلەرگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە مەمۇرىي تەستىق ئىجازەت بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› (412 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 462 – تۈرى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2008]33 – نومۇرلۇق)نىڭ 122 – تۈرى
2) قەدىمىي ئىمارەتلەرگە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ئوت ئەسلىھەسى ئورنىتىشنى تەستىقلاش
ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە مەمۇرىي ئىجازەت بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› (412 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 463 – تۈرى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ 4 – تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى توغرىسىدىكى قارارى›› (گ [2008]33 – نومۇرلۇق)نىڭ 123 – تۈرى
تەڭشەلگەن مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى (تۆت)
1. باشقۇرۇش قاتلىمىغا چۈشۈرۈلگەن تۈرلەر (ئۈچ)
قۇرۇلۇش نازارىتى
1) بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىجازىتى ––– قۇرۇلۇش باش ھۆددە تەرتىپى بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك سالاھىيىتى (گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان كارخانىلار ھەمدە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش باش ھۆددە ئۈچ دەرىجىلىك سالاھىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)
ئاساسى: ‹‹بىناكارلىق قانۇنى››
سەۋەبى: قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› (159 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 11 – ماددىسى
باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان: رايون تەسىس قىلغان شەھەرلىك قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى
2) بىناكارلىق قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىجازىتى ––– كەسپىي ھۆددە تەرتىپى بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك سالاھىيىتى
ئاساسى: ‹‹بىناكارلىق قانۇنى››
سەۋەبى: قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› (159 – نومۇرلۇق پەرمان)نىڭ 111 – ماددىسى
باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان: ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك (شەھەرلىك) قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى
3) داڭلىق قەدىمىي دەرەخلەرنى كۆچۈرۈشنى تەستىقلاش
ئاساسى: گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹شەھەر كۆكەرتىش نىزامى››نىڭ 25 – ماددىسى
باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان: ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش (باغۋەنچىلىك) مەسئۇل تارماقلىرى
2. يولغا قويۇش سۇبيېكتى ئۆزگەرتىلگەن تۈر (بىر)
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 3 – تۈركۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرگەن ‹‹ھوقۇق دائىرىسىدىكى داڭلىق ساقلىق ساقلاش يېمەكلىك ئېلانلىرىنى تەكشۈرۈش›› تۈرىنى يولغا قويۇش سۇبيېكتى ئىلگىرى سەھىيە نازارىتىدىن يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلدى.
|