باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى يەرلىككە ياردەم بېرىشتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى
2008- 07- 15 12:00 شىنجاڭ گېزىتى

    6 –  ئاينىڭ 24 –  كۈنى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئورگىنى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يۆلەش ئوبيېكتى قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى  كەنتلەرگە ۋىۋىسكا ئاستى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي رايون قىسىملىرى ‹‹بىر كەنتنى بېيىتىش، بىر مەكتەپنى يۆلەش، بىر دوختۇرخانىغا ياردەم بېرىش، بىر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇش›› پائالىيىتىنى  قانات يايدۇرۇپ، 179 نامرات كەنت، 85 باشلانغۇچ مەكتەپ، 19 دوختۇرخانا ۋە  1000 ئوقۇغۇچىنى يۆلەيدۇ.

   شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئورگىنى تۇنجى تۈركۈمدە يۆلەيدىغان شىمىگو رايونىغا قاراشلىق گېجاگۇ كەنتى، سىنتاش كەنتى، لوبا كەنتى ۋە دۇڭسەن رايونىغا قاراشلىق لۇساۋگۇ كەنتى  نامرات كەنتلەر بولۇپ، بۇ جايدىكى ئامما ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆستىڭىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ تېزرەك ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.  ھەربىي رايون ئورگىنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جىددىي قاراپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش –  سۇغىرىش ئۆستىڭىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى يېڭىلاش، ئوتلاقلارنى قاشالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

   بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى يەرلىكنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ. ‹‹پولىك بىر كەنتكە، رۇتا بىر ئائىلىگە ياردەم بېرىش›› ئارقىلىق ‹‹بىر كەنتنى بېيىتىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. پۇل ئىئانە قىلىپ يېڭىدىن مەكتەپ سېلىش، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلىش، مەكتەپ قورۇسىنى كۆكەرتىش ۋە رەتلەش، ئوقۇغۇچىلارنى ھەربىي مەشىققە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، 85 باشلانغۇچ مەكتەپكە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ.  شارائىتى يار بېرىدىغان ھەربىي دوختۇرخانىلارنى ناھىيىلىك دوختۇرخانا ياكى يېزىلىق شىپاخانىلارغا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، داۋالاش خادىملىرىنى خالىسانە تەربىيىلەپ بېرىش، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دورا تەقدىم قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ناھىيىلىك دوختۇرخانا ۋە يېزىلىق شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ. پولىك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر بىر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ