باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
مەركەز مالىيىسى ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى10مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن يۇقىرى بولغان تۈرنى مۇكاپاتلايدۇ
2008- 07- 15 11:45 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مالىيە مىنىستىرلىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زېڭ شياۋئەن يېقىندا مۇنداق دېدى: ‹‹ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىش مالىيە مۇكاپات مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› گە ئاساسەن، ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى 10 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن يۇقىرى بولغان ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى مەركەز مالىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ.

   زېڭ شياۋئەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ توردىكى سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيىسى ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى 10 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن يۇقىرى بولغان ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە مۇكاپات بېرىشنى ئېنىق بەلگىلىدى، مۇكاپاتلاش دائىرىسى دۆلەت بەلگىلىگەن ‹‹11 – بەش يىل››دىكى ئون چوڭ ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشىدىكى كۆمۈر قالاپ پار بېرىش سانائىتىدە پار  قازىنىنى ئۆزگەرتىش، قالدۇق ئىسسىق، قالدۇق بېسىمدىن پايدىلىنىش، نېفىتنى تېجەش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا نەرسە دەسسىتىش، گېنېراتور سىستېمىسىدا ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئېنېرگىيە مىقدارى سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىكى ھەر يىلى تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ تۈر مەلۇم قىلىش قوللانمىسىنى بېسىپ تارقىتىدۇ.

   زېڭ شياۋئەن مۇنداق دېدى: مۇكاپات سوممىسى ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى ۋە مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھېسابلاپ بېكىتىلىدۇ. بىر توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەلسە، شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا 200 يۈەن، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا 250 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارىنى كارخانا دوكلات قىلىدۇ، كارخانا مەلۇم قىلغان ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن مۇكاپاتلاش مەبلىغىنىڭ %60 ى ئالدىن ئاجرىتىلىدۇ، تۈر يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن مالىيە مىنىستىرلىكى ئورگانغا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى ھاۋالە قىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاپ چىقىلغان ئەمەلىي ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارىغا ئاساسەن مۇكاپاتلاش مەبلىغىنى ھېسابلاپ ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

   زېڭ شياۋئەن مۇنداق دېدى: ھازىرقى چارىگە ئاساسەن، مەركەز مالىيىسى ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى 10 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن يۇقىرى بولغان تۈرلەرنىلا مۇكاپاتلايدۇ. ھازىر بەزى جايلار مەبلەغ ئاجرىتىپ ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى 10 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان  بىر قىسىم تۈرلەرنىمۇ مۇكاپاتلاۋاتىدۇ، مالىيە مىنىستىرلىكى بۇنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مالىيە مىنىستىرلىكى قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ بۇنداق تۈرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلماقتا.

   مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەركەز مالىيىسى 2007 – يىلى 546 ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنى قوللىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۈتكەندىن كېيىن، 20 مىليون 310 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرلۈكتە ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. 2007 – يىلى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن مالىيە مۇكاپاتلاش مەبلىغى ئالدىن ئاجرىتىلىپتۇ.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ