باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا ئۆيلىرىدە خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، ئىشلىتىشتىن دەرھال توختىتىلىدۇ
2008- 07- 15 11:39 شىنجاڭ گېزىتى

   مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىپ، چېقىپ قايتا سېلىنىدۇ. بۇنى بىز 5 – ئىيۇل ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى مۇھىم ئىمارەتلەرنى سېلىشتىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىدۇق.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى مۇھىم ئىمارەتلەرنى سېلىشتىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش لايىھىسى››نى تارقاتقان. ‹‹لايىھە›› دە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەكشۈرۈپ باھالاش ئاساسىدا، ھازىرقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە توشمىغان مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيىسى قاتارلىق جامائەت ئىمارەتلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئورگىنى ئىشخانا بىناسى، شەھەر، بازارلاردىكى سۇ، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىقىنى مۇستەھكەملەش – ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئۈچ يىلدا تاماملاش؛ شەھەر، بازارلاردىكى ھازىرقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمىغان كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئىمارەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىقىنى مۇستەھكەملەش – ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى بەش يىلدا تاماملاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

   ‹‹لايىھە››دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھازىرقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە توشمىغان ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش؛ باھالاش ئارقىلىق D دەرىجىگە تەۋە بولغان (ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش كۈچى نورمال ئىشلىتىلىش تەلىپىنى قاندۇرالماي، ئۆينىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن) مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىمارەتلىرىنى دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىپ، چېقىپ قايتا سېلىش؛ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە بار شەھەر، بازارلاردىكى سۇ، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھاياتلىق لىنىيىسى ئىمارەتلىرىنى چوقۇم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى بويىچە مۇستەھكەملەش – ئۆزگەرتىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق قۇرۇلۇش شارائىتىغا ئىگە رايونلار بۇ يىل 4 – پەسىلدىن باشلاپ مۇستەھكەملەش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ. يەر تەۋرەشكە چىدامچان بولۇشنى مۇستەھكەملىگەندە، ئۆزگەرتكەندە، يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىق مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسى يەتتە بال ۋە يەتتە بالدىن يۇقىرى بولغان ناھىيە بازىرى، يېزا بازىرى ۋە يېزىلاردا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يېڭىدىن، قايتىدىن سالغاندا پرىنسىپ جەھەتتىن پەقەت بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىلا سېلىشقا بولىدۇ. مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيىسى قاتارلىق جامائەت ئىمارەتلىرى، شەھەر، بازارلاردىكى سۇ، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھاياتلىق لىنىيىسى ئىمارەتلىرىدە شۇ يەردىكى يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىق، مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ