باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
كورىيە ياپونىيە دەرسلىكىدىكى يالغۇز ئارال ئىگىلىك ھوقۇقى بايانلىرىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى
2008- 07- 15 09:58 تەڭرىتاغ تورى

14 – ئىيۇل، كورىيىلىكلەر يالغۇز ئارالدا دۆلەت بايراقلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ئېتىراز بىلدۈرمەكتە

     كورىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 14 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ ، ياپونىيە شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشلۇقىنىڭ يېتەكچىلىك قوللانمىسىدىكى يالغۇز ئارال ياپونىيىنىڭ زېمىنى ، دېگەن مەزمۇنلارغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى ھەمدە ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا نىسىبەتەن تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كورىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىكى كورىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرىۋېلىش ۋە ياپونىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كۆرۈشۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك دىپلوماتىيە تەدبىرىنى قوللىنىپ ، بۇ مەسىلىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.

 14 – ئىيۇل ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان يالغۇز ئارالنىڭ سۈرىتى

 كورىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرى (ئوڭدا) ياپونىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى (سولدا) نى چاقىرتىپ كۆرۈشمەكتە

 14– ئىيۇل، كورىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يالغۇز ئارالدىكى ئابىدە تېشى ئالدىدا، يالغۇز ئارالنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە

14 – ئىيۇل، كورىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يالغۇز ئارالدىكى ئابىدە تېشى ئالدىدا شوئار توۋلىماقتا

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ