باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى
2008- 07- 15 09:37 تەڭرىتاغ تورى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 15 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانىسىسى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانىسىسى بۈگۈن (15 – ئىيۇل) 6 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەن. بۇ ھاۋا رايى ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا جەنۇبىي جۇڭگو ، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا  تېمپېراتۇرا ℃35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن . بىر قىسىم جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37–℃39 قا يېتىدىكەن . 

     بۈگۈن كۈندۈزدە ، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ھەمدە تۇرپان ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ، جېجياڭنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمى ، فۇجيەننىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ھەمدە شىنجاڭنىڭ تۇرپان ئويمانلىقى قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃37–℃39 قا يېتىدىكەن .

      مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى كىشلەرنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئە كۆرۈپ ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشنى ئاگاھلاندۇردى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ