باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى سېتىش ئىسپاتى چىقىرىشقا قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك
2008- 07- 14 12:52 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دورا سېتىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا دورا سېتىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىن دورا ساتقاندا ئىسپات چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى سېتىش ئىسپاتى چىقارغاندا، ‹‹دورا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى›› نىڭ 11 – ماددا 2 – تارمىقىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، دورىنىڭ نامى، ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتى، سانى، باھاسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوچۇق يېزىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى ساتقان دورىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى سېتىشتا تەلەپكە  قەتئىي ئەمەل قىلىشى، سېتىش خاتىرىسىنى ياخشى يېزىش بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك دورىلار توغرىسىدا دورىشۇناسلىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش ئىش – ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەر دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ