|
ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 10–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى زور خۇشاللىق بىلەن ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەۋاتقان، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 10 – قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلدى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي شىنجاڭنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان، تۈرلۈك ئىشلاردا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بەش يىل، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدە ھالقىما خاراكتېرلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلغان، شىنجاڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بەش يىل، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى، ئورنى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن ھەم كۆتۈرۈلگەن بەش يىل بولدى. شۇڭا، بۇ بەش يىلنى شىنجاڭنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل دېيىشكە بولىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيىلىرىنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۆزىگە خاس مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە مۇقىملىق خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىشچىلار سىنىپى جەمئىيەتتىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا، پارتىيىمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماھىيەتلىك كۈچ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇشقا لايىق.
ھازىر، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش نىشانى، شۇنداقلا، شىنجاڭنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى. بۇ ئۇلۇغ نىشانغا يېتىش، ئىشچىلار سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئىشچىلار سىنىپى ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ تۆھپە يارىتىپ نەتىجە تىكلەش پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى؛ ئىشچى – خىزمەتچىلەر مەدەنىيىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەدەنىيىتى، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسى ۋە نەمۇنىلىك ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى؛ پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەش، يېتەكلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش رولىنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش – سەپەرۋەر قىلىش، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قارىتىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت خىزمەت يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەنپەئەت تەڭشەش مېخانىزمىنى، ھال يەتكۈزۈش مېخانىزمى، زىددىيەتنى پەسەيتىش – بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى، ھوقۇق – مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دەرد – ھالىغا يېتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ جەلپكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.
پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشچىلار سىنىپىغا بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ يېتەكچى فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە؛ يېڭى بۇرچ يېڭى خىرىستىن دېرەك بەرمەكتە. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!
|