باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى
2008- 07- 14 12:12 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10 – ئىيۇل ‹‹<چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى> نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇش چارىسى››   (تۆۋەندە ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››، دەپ ئېلىندى) نى ئېلان قىلدى. بۇ چارىدە  چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەربىيىلەش، تۈزۈم، نازارەتچىلىك، ئىسلاھات، ئىستىل تۈزىتىش، جازالاشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىستېمىچانلىق، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، بىز ئۇنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، پارتىيە 17 –  قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن زور تەدبىر ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي  ئورۇنلاشتۇرمىسىغا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشقا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››نى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات بىلەن تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس راۋاجلاندۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن  ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئۆزئارا تۈرتكە قىلىش كېرەك.

   چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى  ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى تېما، يېڭى ۋەزىپە. چىرىكلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەسەۋۋۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تەجرىبىسى شۇنداقلا چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، تۈپ يولى.

   شۇڭلاشقا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش  ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا پائال يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان  ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار ئىشلىرى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ئىسلاھاتى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە زامانىۋى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ھوقۇق – پۇل سودىسى يوچۇقلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

   چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ  تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىكى، سىستېمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش، كەلگۈسى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى تىرىشىپ ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

   قىسقىسى، بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ